كەلپىن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك،ت1-بۈلۈم،ج،ئە(2020) 60- نۇمۇرلۇق
جاۋابكار يا**، ئەر، ئۇيغۇر، 1981-يىلى 3-ئاينىڭ 6- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 65292919**، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەلپىن ناھىيە ** بازىرى ** كەنت 4- مەھەللە 1- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش پىراۋا ئارغىپ نۇمۇرى: 6529000**، پىرۋا تىپى: A2، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020- يىلى 11-ئاينىڭ 13- كۈنى كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.
كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار يا** خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلىدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋاپكار يا** 2020- يىلى 10- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 22 لەر ئەتراپىدا، ** يېزا بازىرىدىكى مەرىكە زالىدا دوستى يۈ***نىڭ ئوغلىنىڭ خەتنە توي مەرىكىسىدە ھاراق ئىچكەندىن كىيىن 2020- يىلى 10- ئاينىڭ 13- كۈنى سائەت 01 لەردىن ئاشقاندا سورۇندىن تارقاپ ئۆزىنىڭ 新NB43** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپلىق ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ** يېزىلىق ساقچىخاننىڭ ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ يول بۆلىكىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ** يېزىلىق ساقچى ئىشلىرى مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ چارلاش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بايقالغان. قانۇن تەرتىپ بويىنچە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ، قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ باھالاشقا ھاۋالە قىلغاندا، ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇغىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 130.75 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:
1. يازما ئىسپات 2. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى 3. باھالاشنامە 4. ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنى ئېلىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى ئىسپاتلايدۇ. جاۋاپكار يا**ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز، جاۋاپكار يا** يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 133- ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق ۋە راست، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 67- ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسىدىكى شەرتنى ھازىرلىغان، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، جاۋابكارغا 1 ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 3 مىڭ يۇەن جەرىمانە قۇيۇش جازاسى بىرىش كېرەك دەپ قاراپ، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى> نىڭ 176- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
كەلپىن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: مەۋلان ئۇبۇل
2020-يىلى 12- ئاينىڭ 3- كۈنى
1.قۇشۇمچە 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن 1 توپلام رازۋېتكا دىلوسى بىرگە يوللاندى.
2.جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە.
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment