欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

热某某起诉书(自然人犯罪案件适用)(公开版)

2021-09-23 尘埃 0 comments

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى xx ئاپتونۇم ئوبلاستى

xx ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپلەشنامىسى

xx ت ج ئەيىپلەش1-بۆلۈم (2020)178- نومۇرلۇق 

جاۋاپكار ر xx ، ئەر، ئۇيغۇر، xx -يىلى xx -ئاينىڭ xx -كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: xx 652823، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدىنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، كەسپىي: دېھقان، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادرىسى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: xx ناھىيە xx يېزا xx كەنىت شەرقى يولى xx -ئۆي، 2020-يىلى6-ئاينىڭ 9-كۈنى xx ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە  كېپىلگە بېرىلگەن. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 

xx ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى جاۋاپكار ر xx نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2020- يىلى11- ئاينىڭ 26- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ھەم ، دېجورنى ئادوۋكاتنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۈتۈن دېلو تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلدى. رېيھىم كېرەم مەزكۇر دېلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى .

قانۇن بويىچە ئېنىقلىشىچە:

2020-يىلى5-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 01دىن 19لەر ئەتىراپىدا، جاۋاپكار ر xx xx ناھىيە xx يېزا xx ئارامگاھىدا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، جاۋاپكار ر xx   新M xx نومۇرلۇق  كىچىك تىپتىكى ئاپتومۇبىلنى ھەيدەپ، xx ناھىيە xx يېزا xx كەنىت يول بۆلىكدە شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ مېڭىپ، xx ناھىيە xx يېزا xx كەنىت شەرقى يولى xx -ئۆي يەنى ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ماشىنىنى توختىتىپ قويۇپ ئۇخلاۋاتقاندا، كەنىت كادىرلىرى تەرىپىدىن بايقىلپ قېلىپ، كەنىت كادىرلىرى  ئاقسۇپا يېزا  ساقچىخانىسىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئاقسۇپا يېزا  ساقچىخانا ساقچىلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا تەكشۇرۈلۈپ تۇتۇلغان. 

شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ زەھەرلىك ماددى بويۇملارنى لابراتويىيەلىك تەكشۈرۈپ باھالاش پىكرىدە، جاۋاپكار رېيھىم كېرەمنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەر 100 مىللىلېتىر قان تەركىبىدە 195مىللىگىرام ئىسپىرت تەركىۋى بار دەپ يەكۈن چىقارغان .

يوقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش يەكۈنى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار. 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە :جاۋاپكار ر xx نىڭ قاتناش – تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق ، دەلىل ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك . « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15 – ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ . جاۋابكار ر xx گە 2 ئايدىن يۇقىرى 3ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە6000يۈەن شىتىراپ قويۇش جازاسى بېرىپ ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .

         ھۆرمەت بىلەن :

xx ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە  

تەپتىش : xx

2020- يىلى 12- ئاينىڭ  1- كۈنى

ئىزاھات :

(1) دېلو ئارخىبى بىر توپلام.

(2) « جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى » نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى .

Comments

Be the first to comment

Leave a Comment

Your email address will not be published. * indicates required fields.

Top