欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

库某某涉嫌盗窃罪起诉书

2021-09-24 尘埃 0 comments

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستى

لوپنۇر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

ل ت ج ئەيىپلەش1-بولۇم(2020) 163–نومۇرلۇق 

جاۋاپكار قۇxxx،ئەر،ئۇيغۇر،xx-يىلىxx-ئاينىڭxx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:652823xxx،ساۋاتسىز، كەسپى دېھقان،ئەسلىي يۇرتى، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى:شىنجاڭ xx ناھىيەxx يېزىسى xx كەنت xx رايونى xx-نومۇرلۇق ئويدە ئولتۇرۇشلۇق،2020-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئوغۇرلۇق دىلوسىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈنxx ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان.ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە .

xx ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار قۇxxنىڭ ئوغۇرلۇق دېلۇسىنى 2020-يىلى 11- ئاينىڭ30-كۈنى، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار  قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ،ھەم دىجۇرنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئىلىنىپ پۇتۇن دېلو تەكشۇرۇلۇپ ئاياقلاشتۇرۇلدى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە :   

  2020-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت چۇشتىن بۇرۇن 10لار ئەتراپىدا، جاۋاپكار قۇxx xxxناھىيە xxx يېزىسىxx كەنتى xxيولى ياقىسىدىكى ئېرىق بويىغا بىر تۇياق قارا ئېشەكنىڭ تېرەك ياغىچىغا باغلاقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە ئەتراپنى كۈزۈتۈپ ئادەم يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن،زىيانلانغۇچى يۈxxنىڭ كىچىك تېرەك ياغىچىغا باغلاپ قويغان بىر تۇياق قارا رەڭلىك ھاڭگا ئېشىكىنى تېرەككە چىگىلگەن يېرىدىن بوشۇتۇپ ئارغامچىدىن يېتىلەپ ئوغۇرلاپ كېتىپ،قارچۇغا يېزىسى قارچۇغا كەنتى قۇم ئويدى دېگەن يەردىكى قۇم دۆۋىسىنىڭ ئوتتۇرسىغا ئەكىلىپ، بۇ ئېشەكنىڭ ئىگىسى تەرپىدىن بايقىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ،ئېشەك بوينىغا چىگىلگەن ئارغامچىنى ئالماشتۇرۋەتكەن. قۇم دۆۋىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۆزىنىڭ ئىشىكى بىلەن بىر يەرگە قويۇپ تۆت بەش كۈندەك تەڭ باققان. xx ناھىيلىك مال باھا ئىدارىسى دېلوغا چىتىشلىق بويۇملارنى باھالاش مەركىزىنىڭ باھالاشنامىسىدا: يۇقارقى دىلوغا چېتىشلىق ماددى بويۇمنىڭ باھاسىنى 3600 يۈەن دەپ بېكىتكەن. (ئوغۇرلانغان ئىشەك ئىزدەپ تېپىپ كېلىنىپ زىيانلانغۇچىغا قايتۇرۇلدى)                    

  يۇقارقى جىنايەت پاكىتلارنى يازما ئىسپات ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش بىكىتىشنامىسى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ .  

     مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : 

جاۋاپكار قۇxxx قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقدارىدىكى 3600يۇەن قىممىتىدىكى مال-مۇلكىنى ئوغۇرلىغان قىلمىشى «جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىكى بەلگۇلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە پاكىت ئېنىق ، دەلىل – ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ، ئۆغۇرلۇق جىنايىتى بويۇنچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۇرۇشتۇرۇش كېرەك، جاۋاپكار قۇربان سالى جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى قوبۇل قىلغانلىقى ئۇچۇن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلا ر دەۋا قانۇنى»نىڭ 15- ماددىسىنىڭ بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ،شۇڭا جاۋاپكار قۇxxغا ئايرىم شتراف قويۇش جازاسى بىرىپ ئاددى تەرتىپ بويۇنچە سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بىرىمىز،.شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلا ر دەۋا قانۇنى»نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق .قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .

ھۆرمەت بىلەن : 

                 لوپنۇر ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە .

تەپتىش :ئەنۋەر ئابلەت

        2020- يىلى  11- ئاينىڭ30- كۈنى

 .

ئىزاھات : دېلو ماتىرىيالى بىرگە يوللاندى.    

Comments

Be the first to comment

Leave a Comment

Your email address will not be published. * indicates required fields.

Top