شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ك ت ئەيىبلىمەسلىك 〔2020〕57- نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
ئەيىبلەنمىگۈچى ئاX،ئەر،ئۇيغۇر،1980-يىلى*-ئاينىڭ*-كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى: 6531011980********، تۇلۇق كۇرس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ، كەسپى:* شەھەر * ئىدارىسى * ، شىنجاڭ كۇچا ناھىيىسىدىن،نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: كۇچا شەھەر* يېزا * كەنت 4-گورۇپ 96-نۇمۇر ،ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى06-ئاينىڭ18-كۈنى كۇچا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
مەھكىمىمىز كۇچا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى (2020)457-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان ئاXنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايى دىلوسىنى 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۇنى جاۋابكارغا ئاقىلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرىنى ئالدۇق. دىلودىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :
ئەيىبلەنمىگۈچى ئاX 2020-يىلى06-ئاينىڭ18-كۈنى سائەت00:00لەر ئەتراپىدا ئۆزىنىڭ 新N**** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسىنى ئۆزى يالغۇز ھەيدەپ ،كۇچا شەھەر * بازار * كەنت تەۋەسىدىكى بىر جاڭگاللىققا ئاچقان كاۋاپخانىغا بېرىپ ماشىنىسىنى يول بۇيىغا تارتىپ قۇيۇپ ، بەش بوتۇلكا پىۋا سېتىۋىلىپ ، ماشىنىسدا ئۆزى يالغۇز ئىچكەن ، ھاراقنى سائەت 03:00لەر ئەتراپىدا ئىچىپ بولغاندىن كىيىن ماشىنىسىدا ئۇخلاپ قالغان، سائەت 08:00لەردە ئويغۇنۇپ 新N****كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسىنى ئۆزى يالغۇز ھەيدەپ مېڭىپ ،كۇچا شەھەر * بازار تاقماق كەنت تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە شۇ يولدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپدىن تۇتۇلغان.
شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسىدە، ئاXنىڭ ۋىنا قان تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقتارى115mg/100mlچىققان دەپ باھالاپ بېكىتكەن.
دىمەك ئەيىپلەنمىگۈچى ئاXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىلىلىنىدۇ ، بىراق ئاXنىڭ تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ، قىلمىشىنىڭ جەمئىيەتكە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلىقى ، قىلمىشىغا قارىتا تۆۋە قىلىش پوزىتسىيسىدە بولغانلىقىغا ئاساسەن « جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 175-ماددا 2-تارماقدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئاXنى نىسپى ئەيىبلىمەسلىك بويىچە بىر تەرەپ قىلدۇق .
ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرىز سۇنسا بولىدۇ.
ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقۇرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرىز سۇنسا بولىدۇ .
ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە مەمۇرى جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .
كۇچا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىسى
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment