莎车县人民检察院
不起诉决定书
莎车县院二部刑不诉〔2020〕17号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ي ت ج ئى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020) - نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى تاx، ئەر، ئۇيغۇر، 19x–يىلى x- ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:65312519xxx، تولۇق ئوتتۇر مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى يەكەن ناھىيە xx پونكىتى خىزمەتچىسى ، يەكەن ناھىيە xx بازىرى x شىمالى يولى x-قورۇ x-بىنا x-كورپۇس xx-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق بولغانلىقتىن، 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.
بۇ دىلۇنى يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى تاxxنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشى ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز بۇ دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردۇق.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە ئىنىقلاندى:
ئەيىبلەنمىگۈچى تاx 2019-يىل 06-ئاينىڭ 13-كۇنى 05دىن 27مىنۇت ئۆتكەن ئەتراپىدا مەست ھالەتتە新xx نومۇرلۇق قارا رەڭلىك xx ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسىنى يەكەن ناھىيە xx ئىدارىسىنىڭ ئالدىدىن يەكەن بازىرى xx شىمالى يولىدىكى ئۆيىگە قاراپ ھەيدەپ مىڭىپ xxشەھەر يولى xx دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ساقچىلىرى تەرپىدىن ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكى بايقىلىپ قاتناش ساقچى ئەترىتىگە دىلو مەلۇم قىلغان، قاتناش ساقچى ئەترىتى تاxxدىن ئىلىنغان قان ئەۋرىشكىسىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى تەكشۈرۈپ بىرىشكە«شىنجاڭ xxئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزى» گە ھاۋالە قىلغان.« شىنجاڭ xxئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ {2019}-xxx-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا تاxxنىڭ قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارى ھەر 100مىللىلىتىردا 98.2مىللىگىرام ئىسپىرىت مىقدارى بايقالغان دەپ بىكىتىلگەن. ئەيىبلەنمىگۈچى تاxx قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قايىل بولغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىتكى دەلىل-ئىسپات تۆۋەندىكىچە؛
1. يازما ئىسپات : ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى، يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ئىسپاتلىرى، يەكەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تۇتۇپ قالغان بۇيۇملار تىزىملىكى، ئەيىبلەنمىگۈچى ئۇچۇر ئىسپاتى، يەكەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى شوپۇرىنىڭ ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى، قان ئەۋرىشكىسى ئېلىش خاتىرىسى ۋە رەسىملىرى؛2. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛3. «شىنجاڭ xx ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزى» نىڭ (2019) xx-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ؛4. نەق مەيدان رەسىملىرى ؛
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى تاxxنىڭ ھاراق ئىچىپ، مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە چېقىلىدۇ. قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى تاxxنىڭ قىلمىشى يېنىك، زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بار، ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلغان، جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تاxxنى ئەيىبلىمەسلىك (نىسپى) قارار قىلىندى.
يەكەن ناھىيەلىك خەلق تەپىش مەھكىمىسى
2020- يىلى 3- ئاينىڭ 30- كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论