欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(相对不起诉适用含认罪认罚)(公开版)

2021-09-23 尘埃 0 comments

*** شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى 

                  *** ئەيىپلىمەسلىك [2020] ** -نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى م**، ئەر، ئۇيغۇر، 19**-يىلى **-ئاينىڭ *-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: **2219***40*، ئالى تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ** ناھىيەلىك****دىن پىنسىەگە چىققان كادىر، ** ناھىيە *** كوچا **-قورو **-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. ئىلگىرى سوتلۇق بولغان.

ئەيىبلەنمىگۈچى قىمار ئويناش جىنايەت گۇمانى بىلەن 20**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ** ناھىيەلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن كىپىلگە بىرىلگەن، 20**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى مەكىمىمىز تەرەپىدىن قىمار ئويناش جىنايىتى بىلەن دىلوسى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ بولغۇچە كىپىلگە بىرىلگەن.

 ***ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ [2019] **-نومۇرلۇق باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بىكىتىپ بىرىش ئۇختۇرۇشىغا ئاساسەن ** ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەنمىگۈچى م***نىڭ قىمار ئويناش جىنايىتى دېلوسىنى 20**-يىلى **-ئاينىڭ *-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە نۇۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئالدۇق. دېلونىڭ دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ئەمەس دەپ قاراپ ئىككى قېتىم** ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇردۇق، دىلو ئەھۋالى مۇرەككەپ دەپ قاراپ تەكشۈرۈپ ئەيىپلەش سۈرۈكىنى ئۈچ قىتىم ئۇزارتتۇق. بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دەلىل-ئىسپاتلارنى سېلىشتۇرۇپ چىقتۇق.

مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيىبلەنمىگۈنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى قىلمىش سادىر قىلغانلىقىنى ئىنىقلىدى:

ئەيىبلەنمىگۈچى م** پايدا ئىلىش مەخسىتىدە 20**-يىلىدىن 20**-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا،** ناھىيە *-يەسلىنىڭ يىنىدىكى ئا**نىڭ بىناسىنىڭ يەر ئاستىدىكى ئىجارە ئىلىپ ئاچقان دۇككان ئىچىدە،** ناھىيە كونا شەھەر ساقچىخانىسىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى پىڭفاڭ ئۆيدە، ** ناھىيە كونا بىكەت يىنىدىكى ئولتۇراق بىنا(*** بىناسى)نىڭ*-قەۋىتىدىكى ئۆيدە،** ناھىيە*** مەرىكە زالى قاتارلىق كۆپ ئورۇندا غ**، ئا**، ئا**، ر**، ئا**، ھو**، سى**، ما**، ت**، م**، ئادىل ئا**، م**(يەنە بىر ئىسمى م***)، ن**، ھ**، ھ**، م**، ئا**، م**، ئ**، غ**، ھ**، م**، ئ**، ت**، ي*** قاتارلىق كۆپ ئادەمنى كۆپ قىتىم قىمار ئويناشقا ئۇيۇشتۇرغان ھەم قىمار ئوينىغۇچىلارنىڭ قەرت ۋە شىشىخالدا قىمار ئوينىشىغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن، قىمار ئويناش ئۈچۈن، قەرت تەمىنلىگەن، ئۆزىمۇ باشقىلار بىلەن بىرگە قىمار ئوينىغان ھەم قىمار ئوينىغۇچىلاردىن 8500 يۇەن چوتو ئالغان.

مەھكىمىمىزنىڭ قارشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى م**نىڭ 20**-يىلىدىن 20**-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا پايدا ئىلىش مەخسىتىدە ** ناھىيە تەۋەسىدە كۆپ قىتىم، كۆپ ئورۇندا كۆپ ئادەمنىڭ قىمار ئوينىشىغا شەرت ھازىرلاپ بىرىپ، چوتو ئالغان قىلمىشىدىن قىمار ئويناش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋابكارنىڭ بۇ قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 303-ماددا 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق. لىكىن ئەيىپلەنمىگۈچىنىڭ قىلمىشى يىنىك، ئىجدىمائى خەۋپى كىچىك، ئۆزىنى مەلۇم قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 1-تارمىقىنى تەدبىقلاشقا بولىدۇ، ئەيىپلەنمىگۈچى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغان، زاڭ پۇلنى تولۇق تاپشۇرغان، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسىنى تەدبىقلاپ يىنىك، يىنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، سىياسى، قانۇن، ئىجدىمايىدىن ئىبارەت «ئۈچ ئۆنۈم» گە ئاساسەن، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش بىلەن كەڭچىللىك قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتىنى تىخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن ئەيىپلەنمىگۈچى م***گە جىنايى جازا بىرىشنىڭ زۇرۇرۇيتى يوق دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن نىسپى ئەيىپلىمەسلىك قارار قىلىندى.

دىلوغا چىتىشلىق 8500 يۇەن زاڭ پۇل مۇناسىۋەتلىك ئورۇننىڭ مۇسادىرە قىلىشى ئۈچۈن تەكلىپ بىرىلدى.

ئەيىبلەنمىگۈچى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرز قىلسا بۇلىدۇ.

** شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

20**-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى

Comments

Be the first to comment

Leave a Comment

Your email address will not be published. * indicates required fields.

Top