欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(热某某开设赌场案)

2021-09-22 尘埃 0 comments

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارى

پىچان تەپتىش جىنايى ئىشلار ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020) 8-نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى رxx ، ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، ** ناھىيە ** يىزا ** بۇلاق كەنت **-گۇرۇپپا **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، كىملىك نۇمۇرى: 65212319******1556، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان، بۇرۇن جازالانمىغان، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايىي ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلغان، 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن ،2019-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن .

پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى رxxنىڭ قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەش ۋە ئىككى قىتىملىق تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ قايتىدىن تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇندى، مەھكىممىز 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى دېلونىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش سۈرۈكىنى بىر قىتىم 15كۈن ئۇزارتتۇق .

مەھكىمىمىمز قانون بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيىبلەنمىگۈچى رxxنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى قىلمىشىنى ئىنىقلاپ چىقتى:

1. 2017-يىلى 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، جاۋابكار ئاxx، جاۋابكار ئەxxنىڭ قىمارخانا ئاچىدىغانلىقىنى ئىنىق بىلىپ تۇرۇپ، ** ناھىيە ** ئۆي مۈلۇكچىلىك شىركىتىنىڭ ئىككى قەۋەتلىك دۇكىنىنى جاۋابكار ئەxxغا ئىجارىگە بەرگەن، جاۋابكار ئەxx بىلەن ئەxx بىرلىشىپ ”**“ نامىدا قىمارخانا ئىچىپ، جاۋابكار ئەxxنى قىمارخانىغا مەسئول قىلغان، جاۋابكار خاxx، مۇxx،ئەيىپلەنمىگۈچى رxx قاتارلىقلارنى مەخسۇس چۇتار يىغىشقا مەسئول قىلغان، جاۋابكار ئەxx جاۋابكار ئەxxغا قىمار دەسمايىسى بىلەن تەمىنلەپ قىمار ئوينىغۇچىلارغا قىمار قەرزى تارقىتىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، قىمار ئوينىغۇچىلار قارت ۋە ماجاڭ ئۇرىقى بىلەن زاجىڭخۇا، ئېر باگاڭ شەكلىدە قىمار ئوينىغان، جاۋابكار ئەxx قىمار قەرزى تارقىتىپ ئوتتۇردىن چۇتار ئىلىش شەكلىدە تەخمىنەن 200000( ئىككى يۈز مىڭ)يۈەن ئەتراپىدا قانۇنسىز تاپاۋەت قىلغان.

9. 2017-يىلى 1-ئايدىن 2018-يىلى 1-ئايغىچە، جاۋابكار ئاxx قانۇنسىز پايدا تىپىش مەقسىتىدە، ** ناھىيە ** ئۆي مۈلۈكچىلىك شىركىتىنىڭ ئىككى قەۋەتلىك دۇكاننى ئىجارىگە ئىلىپ دۇكاننىڭ بىرىنچى قەۋىتىگە «****» نامىدا قىمار ئويناش شەكلىدىكى ئىلىكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇقخانا ئىچىپ، ئەيىپلەنمىگۈچى رxxنى ئىلىكتىرونلۇق ماشىنىلارغا نۇمۇر سىلىشقا مەسئول قىلغان، ئىلىكتۇرۇنلۇق ئويۇنچۇقخانىنىڭ ئىچىگە ئۈچ دانە ئون كىشىلىك، ئىككى دانە سەككىز كىشىلىك، ئون بەش دانە بىر كىشىلىك دوۋدىجوۋ ماشىنىسى قاتارلىق قىمار ئۈسكىنىسىنى قۇيۇپ تەڭگە قايتۇرۇش ياكى نۇمۇر قايتۇرۇش شەكلىدە تەڭگە ياكى نۇمۇرنى نەق پۇلغا ئالماشتۇرۇپ باشقىلارنى قىمار ئويناشقا تەشكىللەپ، تەخمىنەن 250000(ئىككى يۈز ئەللىك مىڭ) يۈەن ئەتراپىدا قانۇنسىز تاپاۋەت قىلغان.

يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: 1.مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار ؛ 2.گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلېرى ؛ 3.جاۋاپكارلارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى ؛ 4. نەق مەيدان تۇنۇتۇش خاتىرە ، سۈرەتلېرى ۋە ئۆز-ئارا تۇنۇتۇش خاتىرىسى؛ 5.قىمار ماشىىنىسىنى باھالاپ بىكىتىش پىكىرنامىسى ؛ 6.ئۈن-سىن ماتىرىيالى قاتارلىقلار بار.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە،ئەيىبلەنمىگۈچى رxx باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ قىمارخانا ئاچقان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 303-ماددسىىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ،لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى رxxجىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىپ، تىلخەتكە ئىمزا قويدى ، جىنايى قىلمىشى يىنىك ،قىلمىشىغا تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 37-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جىنايى جازا بېرىلمىسىمۇ ياكى جىنايى جازانى كەچۈرۈم قىلىنسىمۇ بولىدۇ.شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن رxxنى ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىندى.

پىچان ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى

ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكور قارارغا قايىل بولمىسا ،مەزكور قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرىز قىلسا بۇلىدۇ .

زىيانلانغۇچى مۇبادا مەزكور قارارغا قايىل بولمىغان بولسا ، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن يەتتەكۈن ئىچىدە تۇرپان شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس بۇلىدۇ ياكى پىچان ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە دەۋا قىلسابۇلىدۇ .

Comments

Be the first to comment

Leave a Comment

Your email address will not be published. * indicates required fields.

Top