欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(沙某某艾某某盗窃案)

2021-09-24 尘埃 评论0

机密★1年

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

 

                                   ئى ر ت 1-ب ئەيىبلىمەسلىك (2020) 34- نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى ساXX، ئەر، ئۇيغۇر، 0120-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى :2001********652101، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئادىرىسى: تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايونى ** يىزىسى **كەنت **-گۇرۇپپا **-نۇمۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، سىياسى قىياپىتى: ئامما، بۇرۇن جازالانمىغان. ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلۇپ، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى بىرتەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كىپىللىككە بېرىلگەن. 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بېرىلگەن.

ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسزلىكى ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى   سا، XXئەXXلارنىڭ ئوغرىلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى (2020)210-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق  مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلىپ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئەيىبلەنمىگۈچىگە قانون بويىچە بەھرىمان بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى ئۇقتۇرۇپ قويدۇق؛ ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلسا كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىندىغان تۈزۈم قوللىنىپ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتلەرنى ئۇقتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى  ساXX بىلەن دىجۈرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، دېلو پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى ئېنىقلىدۇق. ھازىر دېلونى تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇردۇق. 

ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان پاكىت تۆۋەندىكىچە : 

  2019-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 01:00لەر ئەتراپىدا، ئەيىبلەنمىگۈچى سا، XXئەXX ئىككىسى بىرلىشىپ، تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايونى ** يولى ** ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانغا ئۇچرىغۇچى گاXX نىڭ ئىدىقۇت رايونى ** يولى ** ئولتۇراق رايونى **-بىنا ئالدىغا توختىتىپ قويغان 3000 يۈەن قىممتىدىكى  بېنتىيەن ماركىلىق، كۆك رەڭلىك، 150تىپلىق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى يېتىلەپ چوڭ يولغا ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، موتوسىكىلىتنىڭ بويۇن قىسمىدىكى توك سىمىنى ماسسا قىلىپ ئوتالدۇرغۇپ ئېلىپ كەتكەن. 

دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زاڭ مال قايتۇرۇپ كىلىنىپ، زىيانلانغۇچىغا قايتۇرۇلغان . 

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن : يازما ئىسپاتلار، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى ۋە دىلو مەلۇم قىلىش خاتىرىسى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، تۇنۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۆرىتى قاتارلىقلار بار.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى ساXXنىڭ قىلمىشىدىن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى›› 264- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راسىت. ئەيىبلەنمىگۈچى ئىلگىرى جازالانمىغان، ئوغۇرلۇق سوممىسى كۆپرەك بولۇپ، زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلگەن. ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى ئېتراپ قىلىدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، تۆۋىنامە ئىمزالىغان. شۇڭا، ئەيىبلەنمىگۈچىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى›› نىڭ 177-ماددىسى 2-تارمىقىغا ئاساسەن، قىلمىشى يېنىك، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغان دەپ قاراپ، نىسپىي ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقاردۇق. 

ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرز قىلسا بولىدۇ. 

زىيانغا ئۇچرىغۇچىلار مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە تۇرپان شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرز قىلىپ ئەيىپلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئىلتىماس ئەرز قىلماي، ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىلى 9- ئاينىڭ 8- كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top