شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارى
پىچان تەپتىش جىنايى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020) 6 -نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى پەXX، لەقىمى **، ئەر، ئۇيغۇر، ** ياش، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، ** ناھىيە **بازار ** كەنت **-گۇرۇپپا **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، كىملىك نۇمۇرى: 0937******65212319، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايىي ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلغان، 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن قانون بۇيىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.
پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى پەXXنىڭ قىمارخا ئىچىش جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019- يىلى 9- ئاينىڭ 6-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرياللىرىنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
مەھكىمىمىمز قانون بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيىبلەنمىگۈچى پەXXنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى قىلمىشىنى ئىنىقلاپ چىقتى:
1. 2016-يىلى 11-ئايدىن 2017-يىلى 3-ئايغىچە، جاۋابكار ئەXXنىڭ مەبلەغ سىلىشى، ئەيىبلەنمىگۈچى پەXXنىڭ كونكىرت مەسئول بولىشى بىلەن، ** ناھىيە ** بازار ** كوچىدىكى بەXXنىڭ دوكىنىنى ئىجارىگە ئىلىپ قانۇنسىز ئىلىكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇقخانا ئىچىپ قىمار تەشكىللەش بىلەن شۇغۇللانغان، قىمارخانا ئىچىگە بىر دانە سەككىز كىشىلىك بىلىق تۇتۇش ماشىنىسى، بىر دانە سەككىز كىشىلىك قارت ماشىنىسى قويۇپ، تەڭگە قايتۇرۇش ياكى نۇمۇر قايتۇرۇش شەكلىدە تەڭگە ياكى نۇمۇرنى نەق پۇلغا ئالماشتۇرۇپ باشقىلارنى قىمار ئويناشقا تەشكىللىگەن، ئەيىبلەنمىگۈچى پەXX (ياللىنىپ مۇئاشقا ئىشلىگەن) نى قىمارخانىدا ئىلىكتۇرۇنلۇق ماشىنىغا نۇمۇر قاچىلاشقا ئورۇنلاشتۇرغان، تەخمىنەن 100000(يۈز مىڭ) يۈەن ئەتراپىدا قانۇنسىز تاپاۋەت قىلغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: 1.مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار ؛ 2.گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلېرى ؛ 3.جاۋاپكارلارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى ؛4. نەق مەيدان تۇنۇتۇش خاتىرە ، سۈرەتلېرى؛ 5. قىمار ئويناش ماشىنىسىنىڭ ئىتىراپنامىسى ۋە تەھلىل قىلىش دوكىلاتى قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى پەXX »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 303-ماددسىنىڭ 2- تارمىقىدىكى قىلمىشنى سادىر قىلغان، ئەيىبلەنمىگۈچى پەXX جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، قىلمىشىغا تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 37-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جىنايى جازانى كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدۇ. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن پەXXنى ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىندى.
پىچان ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكور قارارغا قايىل بولمىسا ،مەزكور قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرىز قىلسا بۇلىدۇ .
زىيانلانغۇچى مۇبادا مەزكور قارارغا قايىل بولمىغان بولسا ، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن يەتتەكۈن ئىچىدە تۇرپان شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس بۇلىدۇ ياكى پىچان ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە دەۋا قىلسابۇلىدۇ .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论