شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپلىمەسلىك قارارنامىسى
پىچان تەپتىش 1-بۈلۈم ئە ق (2020) 19-نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى : مەXX ، ئەر ، ئۇيغۇر ، تۇغۇلغان ۋاقتى : ** 19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى، كىملىك نۇمۇرى: 3751 ****** 65212219 ، نۇپوس تۇرۇشلۇق جايى : پىچان ناھىيە** يېزا** كەنىت**5-گۇرۇپپا **-نۇمۇر، تۇلۇقسىز مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ 2019- يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن،2020 -يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.
پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى مەXXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 16- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق. ئەيىبلەنمىگۈچىگە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:
2019-يىلى 07-ئاينىڭ 27-كۇنى سائەت 03دىن 00مىنۇت ئۆتكەندە ، ئەيىبلەنمىگۈچى مەXX ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ، 新K***** نۇمۇرلۇق، «**» ماركىلىق، كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ ، شىمالدىن-جەنۇپقا قاراپ مېڭىپ ، پىچان ناھىيە** يېزىسى **كەنتى كۇمتىتى ئالدى يول بۇلىكىگە كەلگەندە ، شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ بايقالغان .
شىنجاڭ«خواتۇڭ»ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2019] 4703-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۇرۇش دۇكىلاتنامىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا« ئەيىبلەنمىگۈچى مەXXدىن ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى mg/100ml86.94»دەپ يەكۇن چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2.گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛3. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4. باھالاش يەكۈنى؛ 5. نەق مەيدان سۆرەتلېرى قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى مەXXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بىرى 1- تارماق 2- تۈرىدە بەلگىلەنگەن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، لېكىن جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 67- ماددىسىنىڭ 3- تارمىقى، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 15- ماددىسىنى تەدبىقلاشقا تىگىشلىك، ئەيىبلەنمىگۈچى مەXXنىڭ دېلوغا ھازىر بولغاندىن كېيىنكى جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى ياخشى، جەمئىيەتكە بولغان خەۋپى ئېغىر ئەمەس بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھەم ئەھۋالغا قاراپ يىنىك جازا بېرىلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت،ئەيىبلەنمىگۈچى مەXXنىڭ قىلمىشى يېنىك بولۇپ، قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى mg/100ml86.94 « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 37- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جازا ھۆكۈم قىلىش زۆرۈرىيىتى يوق. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 177- ماددىسىنىڭ 2- تارمىقىدىكى بەلگىلىمە ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى «شىنجاڭ تەپتىش ئورگانلېرى مەسىت ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلېرىنى ھەيدەشتەك جىنايى ئىشلار دېلولېرىنى بىجىرىشتىكى يىتەكچى پىكىر (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قۇيۇلغان) » دىكى بەلگىلىملەرگە بويىچە مەXXنى ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىندى.
پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020- يىلى 7- ئاينىڭ 9- كۈنى
ئەيىبلەنمىگۈچى ئەگەر مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ .
Comments
Be the first to comment
Leave a Comment