欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

نىڭقەستەنزەخىملەندۈرۈشدىلوسىنىڭئەيىبنامىسىxئا

2021-09-24 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى

ئۈرۈمچى شەھەر  شىمگو  رايۇنلۇق  خەلق  تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۈ، ش، ت ،1-بۆلۈم ئەيىبلەش[2020]161– نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

جاۋابكار ئاx، ئەر،****–يىلى **-ئاينىڭ **–كۈنى شىنجاڭ ئاقسۇ باي ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 3219********652926، ئۇيغۇر ،تولۇقسىز مەكتەب مەلۇماتلىق، شىمگو رايونلۇق خەلق ھۆكىمەتنىڭ ئاشپىزى، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى : شىنجاڭ ئاقسۇ باي ناھىيىسى ئومباش يېزىسى توقاي مەھەللە **-گۇرۇپ **-نومۇر. ھازىر تۇرۇشلۇق ئورنى: شەھرىمىزنىڭ شىمگو رايۇنى شىخۇڭ شەرقى يولى جەنۇبىي 8-كوچا 21-نومۇر 205-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2019 – يىلى 12– ئاينىڭ 25– كۈنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىگە چېتىلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، 3-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىز قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، ئەتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2020–يىلى 5–ئاينىڭ 20–كۈنى جاۋابكار ئاxنىڭ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش دىلوسىنى مەھكىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

2019-يىلى 12–ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى 17:45 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار ئاx شەھرىمىزنىڭ شىمگو رايونى شىخۇڭ شەرقىي يولى جەنۇبىي 8-كوچا 21-نومۇر 205-نومۇرلۇق ئۆيىدىن چەيدونى ئېلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تx(جاۋابكارنىڭ ئايالى)نى قوغلاپ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ‹يۈشىنيۈەن تاللا بازىرى›نىڭ ئىچىگە كىرىپ، چەيدو بىلەن ئوڭ تەرەپ پىشانە ۋە باش قىسمىغا چاناپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تxنىڭ ئوڭ تەرەپ پىشانىسىنىڭ 5 سانتىمىتىر تارتۇق بۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارسى شىمگو رايۇنلۇق شۆبىسى جىنايى ئىشلار پەن تېخنىكا باھالاش ئىشخانىسىنىڭ [2020] 010-نومۇرلۇق باھالاشنامىسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تxنىڭ زەخمىسىنى يېنىك ئىككىنجى دەرىجىلىك زەخمە دەپ باھالاپ چىققان.

يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل – ئىسپاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ:

1. يازمىچە ئىسپات: جاۋابكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، تۇتۇش جەريانى، تۇتۇپ قېلىش قارارنامىسى، تۇتۇپ قېلىش تىزىملىكى، تىزىملاپ ساقلاش تىزىملىكى، ئەپۇ قىلىش خېتى، كىسەل كۆرۈش تارىخى، دورىنىڭ ئشلىتىش قوللانمىسى.

 2. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تxنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە سۆھبەت خاتىرسى.

3.گۇۋاھچى ئىx، لو x، لى xنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى.

4. جاۋابكار ئاxنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش سۆزى.

5. باھالاش پىكىرى:  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ [2019] 1540-نومۇرلۇق قانۇن دوختۇرىنىڭ ماددى ئسپاتلارنى باھالاشنامىسى، شىنجاڭ جىڭۋېي قانۇن دوختۇرى روھىي كېسەللەرنى ئەدىلىيىلىك باھالاش ئورنىنىڭ [2020] 0038-نومۇرلۇق ئەدىلىيىلىك باھالاش پىكرنامىسى، شىمگو رايۇنلۇق شۆبىسى جىنايى ئىشلار پەن تېخنىكا باھالاش ئىشخانىسىنىڭ [2020] 010-نومۇرلۇق باھالاشنامىسى.

6. ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش، تونۇتۇش، تەھقىقلەش سىنىقى قاتارلىق خاتىرىلەر: نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى.

7. ئۈن ـ سىن ماتېرىياللىرى، ئېلېكترونلۇق سانلىق مەلۇماتلار: نەق مەيدان سىن كۆرىنىشى ئېلىنغان دېسكا.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار ئاxباشقىلارنىڭ تىنىنى قەستەن زەخمىلەندۈرگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 234–ماددىسىدا بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل ـ ئىسپات راست، تولۇق، قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار ئاxتۇتۇلغاندىن كېيىن جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرا قىلغان،شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنى تەدبىقلاش كېرەك. جاۋابكار ئاx زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن» نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارنىڭ قانۇن بويىچە جازالىشىڭىزلارغا  ئەيىبلىدۇق .

ھۆرمەت بىلەن:

ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

تەپتىش: مىھرىگۈل مىجىت 

سۈبىھى ھۈسەن

2020–يىلى 10–ئاينىڭ 27–كۈنى 

(بۇ بەتتە مەزمۇن يوق)

ئىلاۋە :

1. جاۋابكار ئاx ھازىر شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا.

2. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش كېپىللىك خېتى 1 پارچە.

3. ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت ئېچىش تەكلىپنامىسى 1پارچە.

4. جازا بېرىش تەكلىبى 4 پارچە.

5. دىلو ماتىريالى 4 توپلام.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top