欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

نىڭئوغرىلىقدىلوسىنىڭئەيىبلىمەسلىكقارارنامىسىXئا

2021-09-24 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

               ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى 

ئۈ ش ت 1-بۆلۈم ئەيىبلىمەسلىك [ 2020 ] 24–نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى ئاX، ئەر، -****يىلى -**ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 652826********133X، ئۇيغۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئامانلىق ساقلاش خادىمى. نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايى شەھرىمىزنىڭ شىمگو رايونى خېرۇڭ كوچىسى ** ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا **-كورپۇس **-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەيىبلەنمىگۈچى ئاX نى ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە دىلونى بىر قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:40 لاردا  ئەيىبلەنمىگۈچى ئاX شەھىرىمىزنىڭ شىمگو رايونى خېروڭ كوچىسى 360-نومۇر شۈييۈن كاڭجۈيۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ 3-نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئىشىكىدە ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە  شۇ ئىشىكتىن ئولتۇراق رايۇنغا كىرمەكچى بولغان زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئاX نىڭ ئوڭ تەرەپ چاپان يانچۇقىدىن بىردانە ئالتۇن رەڭلىك VIVO ماركىلىق تېلفۇننى ئوغرىلاپ ئېلىپ، تېلفۇن قېپى ئىچىگە سېلىپ قويغان 200 يۈەن نەق پۇل بىلەن بىرگە ئۆيدىكى كىرىسلونىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ قويغان. ئوغرىلانغان تېلىفۇننى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مال-باھا بېكىتىش مەركىزى 450 يۈەن قىلىپ بىكىتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن ئوغرىلانغان تېلىفۇن ۋە 200 يۈەن نەق پۇل ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلىگەن. 

يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل–ئىسپاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ.

1. يازما ئىسپات: سالاھىيەت ئىسپات ماتىريالى، تۇتۇش جەريانى، تونۇتۇش خاتىرسى ۋە سۈرىتى، دىلوغا مۇناسىۋەتلىك ماددىي ئىسپاتلارنىڭ رەسىمى؛ ج خ ئورگىنىنىڭ ماددىي بويۇمنى تۇتۇپ قېلىش ۋە قايتۇرۇپ بېرىش تالونى؛

2. زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئاX نىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە بايانى؛

3. ئەيىبلەنمىگۈچى ئاX نىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش سۆزى؛ 

4. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مال باھا كومىتىتىنىڭ دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش پىكرى، باھالاش پىكرى ئۇقتۇرۇشى؛

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى ئاX قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ 650 يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلكىنى ئوغرىلىۋېلىش قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، لېكىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئاX نىڭ جىنايى قىلمىشى بىر قەدەر يېنىك ، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى  ياخشى، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار، ئوغرىلانغان زاڭ مال ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان، زىيانلىق ئاقىۋەت كىلىپ چىقمىغان. ئەيىبلەنمىگۈچى ئاX زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشكەن. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 37-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىبلەبمىگۈچىنىڭ جىنايى قىلمىشى يىننىك، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ زۆرۈريىتى يوق.  شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئاX نى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق. 

ئەيىبلەنمىگۈچى قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن يەتتە كۈن ئىچىدە  مەھكىمىمىزگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.

زىيانغا ئۇچرىغۇچى قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن يەتتە كۈن ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز سۇنۇپ، ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ياكى بولمىسا نارازىلىق ئەرز سۇنماي بىۋاستە ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ. 

  

         ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى  

                     2020-يىلى 9-ئاينىڭ  25-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top