欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(麦某某的危险驾驶罪案件)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-22 尘埃 0 comments

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2021〕xx号 

    ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ            ئەيىبنامىسى

ئۇ ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىبلەش (2021) xx-نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار مەxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى xx ئۇچتۇرپان ناھىيە ئۇچتۇرپان بازىرى يىڭىشەھەر xx رايۇن xx-بىنا xx-كورپۇسxx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى ئاشپەز، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار مەxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دېلونى تىز سوت قىلىش تەرتىپنى قوللىنىپ سوتلاشقا قۇشۇلدى.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار مەxx 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 23:30 ئەتراپىدىن 10-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 2:30 غىچە ئۇچتۇرپان بازىرى فېيۋىن كاۋاپخانىسىدا ۋە ئۈيىدە ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، يىڭى كىتاپخانا ئولتۇراق رايۇنىنىڭ (B) رايۇن دەرۋازىسى ئالدىدىكى ماشىنا توختىتىش ئورنىغا توختىىتپ قويغان xx نومۇرلۇق بەش كىشلىك ئائىلە ماشىنىسىنى ئۆزى يالغۇز مەسىت (پىراۋىسى بار) ھەيدەپ، قارشى تەرەپ (A) رايۇن تەرەپتىكى بىر تاللا بازىرىنىڭ ئالدىغا ئەكلىپ توختۇتۇپ تۇرىشىغا ساقچىلار تەرپىدىن بايقالغان.

شىنجاڭ خواتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بۇيۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنىنىڭ ئەدىليىلىك باھالاش دوكلاتىدا «مەxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 149.18 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقارغان بۇلۇپ، جاۋابكار مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار مەxxنىڭ ھاراق ئىچىپ مەسىت ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشىلىك. جاۋابكار جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار. 2 ئاي 5 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىش، قۇشۇمچە 4000 يۈەن شىتىراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن

پۈتۈكچى: ئابدۇرۇسۇل ۋېلى

2021-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى

ئىزاھات: (1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە.  xx

(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

Comments

Be the first to comment

Leave a Comment

Your email address will not be published. * indicates required fields.

Top