欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-23 尘埃 0 comments

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020)    690-نومۇرلۇق 

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

  جاۋابكار غېXX، ئەر، ئۇيغۇر، 33 ياش، 1986-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 6529011986XXXXXXXX، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى XX بازار XX- كەنت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، كەسپى : ئىشچى، پارتىيە ئەزاسى ئەمەس ، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى09–ئاينىڭ  26-كۈنى  خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە  كېپىلىكىگە بېرىلگەن. ھازىر ئائىلىسىدە.

ئـاقسـۇ شـەھـەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكـۇر دېلـونى تەھـقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،(2020) 1249-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق  مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى.  مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقى بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

   2020-يىلى 05-ئاينىڭ 19-كۇنى سائەت 01:20 لەردە جاۋاپكار غېXX ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، ئاقسۇ شەھەر XXگاز قاچىلاش پونكىتىنىڭ ئۇدۇلىغا توختۇتۇپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنى (پىراۋسىز)ھەيدەپ، ئاقسۇ شەھەر XX-نۇمۇرلۇق دۆلەت لېنىيىسىنىڭ XX-كىلومىتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە ، شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكار غېXXنىڭ ھاراق ئىچىپ موتسىكىلىت ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ، ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. تېخنىكىلىق باھالاش ئارقىلىق جاۋاپكار غې XXنىڭ ھەر    100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتىدارى 206.21 مىللىگىرام بۇلۇپ (  mg/100ml206.21)  مەست ھالەتتە مۇتۇسكىلىت ھەيدىگەن.

2020-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 02:20 لەردە، جاۋاپكار غېXX  XX خىمىيە سانائەت زاۋۇتى ئەتراپىدا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، XX خىمىيە سانائەت زاۋۇتى  XX ئاپتۇبۇس بىكىتى ئۇدۇلىغا توختىتىپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق، ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى پىراۋىسىز ھەيدەپ، ئاقسۇ شەھەر XX-نۇمۇرلۇق دۆلەت  تاشيولى لىنىيەسى XX-كىلومىتىرلىق  يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكار غېXXىڭ ھاراق ئىچىپ موتسىكىلىت ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ، ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قانتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى  قانتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى جاۋاپكار XXنىڭ ھاراق ئىچىپ، موتوسىكىلىت ھەيدىگەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ، جاۋاپكار غېXXىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تېخنىكىلىق باھالاشقا يوللىغان، نەتىنجىدە جاۋاپكار غXXىڭ    100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتىدارى192.03 مىللىگىرام بۇلۇپ (  mg/100ml192.03)  مەس ھالەتتە مۇتۇسكىلىت ھەيدىگەن.

يۇقارقى پاكىتىنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار غېXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىرىنچى مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋابكار غېXX قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلدى ھەم بېرىلىدىغان جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. شۇڭا خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا بىرىنچى مەزمۇن، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق. ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىشىڭىزلارغا تەكلىپ بېرىمىز .

     

                 تەپتىش :  نۇسرەت ئابلىز

                  مۇۋەققەت تەپتىش : دىلمۇرات ئەمەر  

                       2020-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى

ئىزاھات : 

1.​ جاۋابكار ئائىلىسىدە كىپىللىكتە، تىلفۇن نۇمۇرى: 1529253XXXX.

2.​ 8 نۇسخا  ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ۋە بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.

Comments

Be the first to comment

Leave a Comment

Your email address will not be published. * indicates required fields.

Top