乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕xx号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىبلەش (2020) -نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار كاxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى xx. ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېز xx-كەنىت xx-مەھەللە xx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەب مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك سۇغۇرتا ئىدارىسىنىڭ توختاملىق خىزمەتچىسى، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار كاxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دېلونى تىز سوت قىلىش تەرتىپنى قوللىنىپ سوتلاشقا قۇشۇلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار كاxx 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت19:00 ئەتراپىدا ئۇچتۇرپان ناھىيە يىڭىشەھەر بەشىنچى رايۇندىكى بىر چايخانىدا پىجۇ ئىچكەندىن كىيىن سائەت 20:00 ئەتراپىدا چايخانىنىڭ ئالدىغا توختىىتپ قويغانxx نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتىنى ئۆزى يالغۇز مەسىت، پىراۋىسىز ھەيدەپ ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ئۈچىنچى ئوتتۇرا مەكتەپ ئالدى دەرۋازىىسى يول بۆلىكىگە كەلگەندە چارلاش ساقچىلىرى تەرپىدىن بايقالغان.
شىنجاڭ خواتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بۇيۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنىنىڭ ئەدىليىلىك باھالاش دوكلاتىدا «كاxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 119.78 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقارغان بۇلۇپ، جاۋابكار مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار كاxx يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار كاxxنىڭ ھاراق ئىچىپ مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشىلىك. جاۋابكار جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار. 2 ئاي 10 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىش، قۇشۇمچە 4000 يۈەن شىتىراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن
پۈتۈكچى: ئارزۇگۇل ياسىن
2020-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى
ئىزاھات: (1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە. xx
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论