ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئى ر ت ئەيىبلىمەسلىك (2020) 34- نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى: ئەXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1998-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان. كىملىك نۇمۇرى:1998********652101 . نوپوسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايون ** بازار ** كەنىت **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، مەدەنىيەت سەۋىيىسى: باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: دېھقان. **20-يىلى ئوغۇرلۇق قىلمىشى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىمىزتەرىپىدىن قولغا ئېلىشنى تەستىقلانمىغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن كىپىلگە بېرىلگەن، ھازىر جەمىيەتتە.
ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسزلىكى ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXXنىڭ ئوغرىلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلىپ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەيىبلەنمىگۈچىگە قانون بويىچە بەھرىمان بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى ئۇقتۇرۇپ قويدۇق؛ ئەيىبلەنمىگۈچىدىن قانون بويىچە سوئال سورىدۇق، ئەيىبلەنمىگۈچى، ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دېلو پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى ئېنىقلىدۇق. ھازىر دېلونى تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇردۇق.
ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان پاكىت تۆۋەندىكىچە :
جىنايەت گۇماندارى ئەXX، ئەيىبلەنمىگۈچى ئە XX 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچقۇرۇن سائەت 01:00لەر ئەتراپىدا ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايون ** ئائىللىكلەر ئولتۇراق رايونى ئوڭ تەرىپىدىكى ماشىنا توختىتىش ئورنىغا ۋXX توختىتىپ قويغان ئاق رەڭلىك كىچىك تىپتىكى يوك ماشىنىسىدىن جەمئى قىممىتى 3908يۈەنلىق ھاراقنى ئوغۇرلاپ، قىممىتى 1056يۈەنلىك 8 ساندۇق 100گىراملىق قىزىل يۈلتۈز ماركىلىق ئار كوتۇۋ ھاراق، قىممىتى 672 يۈەنلىك 2 ساندۇق 500 گىراملىق قىزىل يۇلتۈز ماركىلىق ئار كوتۇۋ ھاراق، قىممىتى 1800يۈەنلىك 9 قاپ 50گىراملىق دىيى گۇڭ جىۋ ماركىلىق ھاراق ۋەقىممىتى 380 يۈەنلىك 4 پوتولكا ماۋ پۇ ماركىلىق ئاق ھاراقلارنى ئوغۇرلاپ ئوغۇرلاپ، دوستى ئېXXنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ يۇشۇرۇپ قويۇپ ئىككى كۈننىڭ ئىچىدە بارلىق ھاراقلارنى ئىچىپ تۈگەتكەن .
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن : يازما ئىسپاتلار، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى ۋە دىلو مەلۇم قىلىش خاتىرىسى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، تۇنۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۆرىتى قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، گەرچە ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXX جىنايەت گۇماندارى ئەXX بىلەن بىرلىشىپ ئوغۇرلۇق قىلمىشى سادىر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن، تەكشۈرۈپ چىقىلغان دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن، جىنايەت گۇماندارى ئەXX ۋە ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXX بىرلىشىپ ئوغۇرلىغان زاڭ مالنىڭ قىممىتى 512 يۈەن بولۇپ، ئوغۇرلۇق سوممىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» 264- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئوغۇرلۇق جىنايىتىنىڭ دىلو ئېچىش ئۆلچىمىگە توشمايدۇ. شۇڭا، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى›› نىڭ 177-ماددىسى 1-تارمىقىغا ئاساسەن، ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXXنى ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقاردۇق.
ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرز قىلسا بولىدۇ.
زىيانغا ئۇچرىغۇچىلار مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە تۇرپان شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرز قىلىپ ئەيىپلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئىلتىماس ئەرز قىلماي، ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ.
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 4- ئاينىڭ 27- كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论