欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(麦吾拉·艾某某,阿某某盗窃案)(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۈ ش ت ت 1-بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020) 87–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

  جاۋابكار مەۋلان ھەسەن ، ئەر ، ئۇيغۇر ، 1983-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى **شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى : ********6501021983، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى : **شەھەر **رايونى **ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-رايون **-بىنا **-ئۆي، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادرىسى : **شەھەر **رايونى **كوچىسى **ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-كورپوس **-ئۆي. 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 1يىل10ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ،2014-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى  مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 6 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى قويۇپ بېرىلگەن.  بۇ قېتىم ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى12-ئاينىڭ 7- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىز ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ ئاينىڭ 11-كۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى  قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

  جاۋابكار ئا** ،ئەر، ئۇيغۇر ، 1988-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى **شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى : ********6501051988، مەدەنىيەت سەۋىيەسى: ئوتتۇرا تىخنىكۇم، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى ۋەھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادرىسى : **شەھەر **رايونى **ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-كورپوس **-ئۆي . 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبسى  تەرىپىدىن 15كۈنلۈك مەمۇرىي جازا بېرىلگەن. 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن 4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى  بېرىلگەن. بۇ قىتىم ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى12-ئاينىڭ 21- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىز ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنشنى تەستىقلىغان. شۇ ئاينىڭ 11-كۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى  قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار  مەۋلان ھەسەن،ئا**لەرنىڭ ئوغۇرلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 5–ئاينىڭ 8-كۈنى قايتا قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە  جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكارلار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. 

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى دىلونى بىر قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2019يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بىيجىڭ ۋاقتى سائەت 19 لەر ئەتراپىدا جاۋابكار  مەۋلان ھەسەن، ئا** ،تۇ** (ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنغان)لار ئۈرۈمچى شەھەر **رايونى **كوچىسى **ئولتۇراق رايونى ئىچىگە توختىتىپ قويغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى   مەۋلان ھەسەننىڭ  مازىدا  CX5 ماركىلىق ماشىنا ئەينىكىنى ئالدىن تەييارلىۋالغان تۆمۇر بىلەن چېقىپ ماشىنا ئىچىدىن 800يۇەن نەق پۇل ۋە بانكا كارتىلىرى سېلىنغان بىردانە قارا رەڭلىك ئەرەنچە سومكىنى  ئوغۇرلاپ 800يۇەن پۇلدىن 400يۇەننى جاۋابكار  مەۋلان ھەسەن ئالغان،200يۇەننى ئاراپات ئالغان،200يۇەننى تۇرسۇن سىدىق (ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنغان) ئالغان،كېيىن جاۋابكار    مەۋلان ھەسەن تاللا دۇكىنىغا كىرىپ ئوغىرلىغان  سومكىدىن چىققان سودا سانائەت بانكىسىدىن ئۆزىنىڭ پەرزى بويىچە مەخپى نۇمۇرىنى بېسىپ 18يۇەن ئىستىمال قىلغان،شۇنىڭ بىلەن جاۋابكار   ئاراپات ئەركىنگە شۇ  سودا سانائەت بانكا كارتىسىنى بېرىپ مەخپى نۇمۇرىنى دەپ بېرىپ پۇل ئەكىلىشنى دەپ ئۆزى بانكا ئەتراپىدا ساقلاپ تۇرغان،جاۋابكار   ئار**  ئاپتۇماتىك پۇل چىقىرىش ماشىنسى ئارقىلىق  مەۋلان ھەسەن دەپ بەرگەن مەخپى نۇمۇرىنى بېسىپ ئالدى كەينى بولۇپ 3400 يۈەن پۇلنى چىقىرۋېلىپ جاۋابكار   مەۋلان ھەسەنگە 2900يۇەننى بېرىپ ، جاۋابكار   ئا** 500يۇەننى ھىچكىمگە دىمەي ئۆزى ئېلىۋېلىپ خەجلەپ تۇگەتكەن. جاۋابكار   مەۋلان ھەسەن،ئا**لەرنىڭ سومكىدىن ۋە بانكا كارتىسىدىن ئوغىرلىغان پۇلنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 4218يۇەن بولۇپ زاڭ پۇل قايتۇرۇپ كېلىنمىگەن.

   جاۋابكار  مەۋلان ھەسەن 2019-يىلى  12-ئاينىڭ 6-كۈنى  **شەھىرى **رايونى **يولى **ئولتۇراق رايونى **-بىنا ئەتراپىدىن  تىيانشان رايونلۇق جىنايى ئىشلار 5-ئەترىتى تىرىپىدىن تۇتۇلغان.

  جاۋابكار ئا**2019-يىلى  12-ئاينىڭ 5-كۈنى **شەھىرى **رايونى **ئولتۇراق رايونى ئىچىدىن  تىيانشان رايونلۇق جىنايى ئىشلار 5-ئەترىتى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. يازما ئىسپات: جاۋابكار  مەۋلان ھەسەن،ئا**لەرنىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛

 2.  زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛

3. جاۋابكار  مەۋلان ھەسەن،ئا**لەرنىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛

5. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار:جاۋابكارلارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى،  تونۇتۇش خاتىرىسى:

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارلارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار مەۋلان ھەسەن،ئا**ەرنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، شەخسلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى پۇلىنى يوشۇرۇن ئوغىرلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار مەۋلان ھەسەنئىلگىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقۇرى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بىرىلگەندىن كىيىنكى بەش يىل ئىچىدە يەنە مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى جازا بېرىلىدىغان جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 65-ماددىسىنى تەدبىقلاش لازىم. جاۋابكارمەۋلان ھەسەنگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسى،65-ماددىسى ۋە 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە جاۋابكار ئا**گە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسى ۋە 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىشىڭىزلار ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

                                                      تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن 

                                 تەپتىش ياردەمچىسى:مەردان ھۇسەنجان  

2020–يىلى6–ئاينىڭ5–كۈنى

ئەسكەرتىش:

 1   .جاۋابكارلار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا؛

   2. 13 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش ماتىرىيال توپلىمى3 توپلام بىرگە يوللاندى؛

   3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش تەكلىبى ۋەجازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى؛

   4.جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top