欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某等3人招摇撞骗案)

2021-09-25 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 630-نومۇرلۇق 

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

  1. جاۋابكار  ئاXX ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى شXX)،ئەر، ئۇيغۇر ،X ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529221997XXXXXXXX، يۇرتى ئاقسۇ شەھىردىن ، توختۇتۇپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر سXX ئولتۇراق رايونىXX -بىناX -كۇرپۇسXX -نومۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە،كەسپى دېھقان .2018-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى باسقۇنچىلىق،قاقتى-سوقتى قىلىش، كوز بويامچىلىق قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى قولغا ئېلىنغان. ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق. 

2 . جاۋاپكار قXX،ئەر، ئۇيغۇر ،22 ياش، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6529221996، يۇرتى  ئۇX ناھيەسىدىن ، توختۇتۇپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى  ئوXXناھيە ئاXX بازىرى X-كەنىت X-مەھەللە X-گۇرۇپىدا ئولتۇرۇشلۇق. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىگە ئىگە،كەسپى دېھقان. 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى باسقۇنچىلىق، قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلۇپ،مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى قولغا ئېلىنغان. ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق. 

3 . جاۋاپكار ئېXX،ئەر، ئۇيغۇر ،XX ياش، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6529281995، يۇرتى ئاقسۇ ئاXX ناھيەسىدىن ، توختۇتۇپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى  ئاXX ناھيە بXX بازىرى قXX XX-كەنىت X-گۇرۇپ XX-نومۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىگە ئىگە،كەسپى دېھقان. 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلۇپ،مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن  شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى قولغا ئېلىنغان. ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق. 

ئـاقسـۇ شـەھـەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكـۇر دېلـونى تەھـقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، (2019) 311- نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكارلارغا ھۇقۇق-مەجبىۇرىيىتى ۋە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ  قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى . 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

2018-يىلى 11-ئاينىڭ 02-كۈنى كەچ شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 12لەر ئەتراپىدا ، جاۋاپكار ئاXX ( شXX )بىر سىزىق ئۇچ يۇلتۇز پاگونى بار ، خەلىق ساقچىسى ۋەزىپە ئىجىرا قىلىش كىيىمى، جاۋاپكار قXX بىر سىزىق بىر يۇلتۇز پاگونى بار ئالاھىدە ساقچى فورمىسى كىيىپ ( قXX كىيىگەن فورمىنى شۆXX تەمىنلەپ بەرگەن ) ئىپپەت نۇمۇسنى ساتقانلارنى تۇتۇپ قاقتى –سوقتى قىلىپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە ماشىندا ئايلىنىپ ئاقسۇ شەھەر ماXX يۇلدىكى «مXX مىھمانخانىسى»نىڭ ئالدىدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا زىيانلانغۇچى رXX بىلەن گXXنى تۇتۇپ ماشىنىغا سېلىپ ، ئۇلارغا « سىلەرنى ئۈزۈڭلارنىڭ رايۇن ساقچىسىغا تاپشۇرۇپ بىرىمىز» دەپ قورقۇتۇپ ماشىنىنى ھەيدەپ ئاقسۇ شەھەر سXX ئولتۇراق رايۇنىى يېنىدىكى يېڭى ياسىغان يولغا كەلگەندە جاۋاپكار قXX ماشىندىن چۇشۇپ زىيانلانغۇچى رXX بىلەن پاراڭلىشش جەريانىدا زىيانلانغۇچى رXXىغا بىر قېتىم باسقۇنچلىق قىلغان ، جاۋاپكار ئاXX جاۋاپكار قۇربان ئاXX بىلەن زىيانلانغۇچى رX ماشىندىن چۇشۇپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، زىيانلانغۇچى گXXكە بىر قېتىم باسقۇنچلىق قىلغان ، ئارقىدىن جاۋاپكار ئاXX جاۋاپكار قX Xغا بىر ياتاق ئېچىپ ئۇخلاپ باشلىق تېلىفۇن قىلغانىدا بۇ قىزلارنى ساقچىغا تاپشۇرۇپ بىرشنى باھانە قىلىپ ، ئاقسۇ شەھەر ئۇXX يۇلدىكى « سىXX مىھمانخانىسى»دىن ئىككى ياتاق ئېچىپ جاۋاپكار ئاXX زىيانلانغۇچى XXكە باسقۇنچلىق قىلغان ، جاۋاپكار  قXX زىيانلانغۇچى XXغا باسقۇنچلىق قىلغان . 

2. 2018-يىلى 11-ئاينىڭ باشلىىردىكى بىر كۈنى كەچ شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 11:00 لەر ئەتراپىدا ، جاۋاپكار ئاXX بىلەن قXX قاتارلىقلار ساقچى فورمىسى كىيىپ ئىپپەت نۇمۇسنى ساتقانلارنى تۇتۇپ قاقتى – سوقتى قىلىپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە ماشىندا ئايلىنىپ ئاقسۇ شەھەر شXX يۇلدىكى بىر كىچىك مىھمانخانىدىن زىيانلانغۇچى ئاXX بىلەن يەنە بىر ئايالنى تۇتۇپ چىقىپ سىلەرنى ساقچىخانىغا تاپشۇرۇپ بىرىمىز دەپ قورقۇتۇپ تەھدىدت سېلىپ ئۇنسۇ ناھىيە ئاXX يېزىسىغا بارغانىدا زىيانلانغۇچى ئاXX نىڭ 500 يۈەن پۇلنى قاقتى –سوقتى قىلىپ ئېلىۋالغان . 

3. 2018-يىلى 11-ئاينىڭ باشلىىردىكى بىر كۈنى كەچ شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 11:00 لەر ئەتراپىدا ، جاۋاپكار ئاXX، قXX ، ئېXX قاتارلىقلار ساقچى فورمىسى كىيىپ ئىپپەت نۇمۇسنى ساتقانلارنى تۇتۇپ قاقتى – سوقتى قىلىپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە ماشىندا ئايلىنىپ ئاقسۇ شەھەر قXX يۇلى دوقمۇشىدىكى «جXXمىھمانخانىسى» دىن زىيانلانغۇچى ئوXX بىلەن مX XXنى تۇتۇپ چىقىپ ساقچىغا تاپشۇرۇپ بىرىمىز دەپ قورقۇتۇپ تەھدىدت سېلىپ ، زىيانلانغۇچى ئوXXنى جXX كوچىدىكى قۇرلۇش بانكىسىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ئۈيىگە باشلاپ كىرىپ ئۇنىڭدىن 3000 يۈەن پۇلنى قاقتى – سوقتى قىلىپ ئېلىۋالغان .  

4. جاۋاپكار ئاXX ( شXX ) 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 05-كۈنى ساقچى قىياپتىگە كىرۋېلىپ ئۆزىنى « ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بىرلەشمە دىلو بىجىرىش مەركىزنىڭ 6-قول باشلىقى » دەپ تۇنۇشتۇرۇپ   جاۋاپكار  قX Xنىڭ 1400 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان .

يۇقارقى پاكىتىنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىلارنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋاپكارلارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

    مەھكىمىمىز جاۋابكار ئاXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ236-،274-،279-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جاۋاپكار قXXنىڭ يوقارقى قىلمىشى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ236- ،274- ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. جاۋاپكار ئېXXنىڭ يوقارقى قىلمىشى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ274-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ،جىنايەت پاكىتى ئېنىق ،دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق . جاۋاپكار ئاXXنى باسقۇنچىلىق،قاقتى-سوقتى قىلىش،كوز بويامچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن، جاۋاپكار قXXنى باسقۇنچىلىق، قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايىتى بىلەن ، جاۋاپكار ئېXXنى قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايىتى بىلەن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكارلار قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلدى ھەم بېرىلدىغان جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋاپكار ئاXXنى باسقۇنچىلىق،قاقتى-سوقتى قىلىش، كوز بويامچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 236-ماددا، 274-ماددا،279-ماددا، 25-ماددا، 69-ماددا بەلگىلىمسى بۇيىچە؛ جاۋاپكار قXXنى باسقۇنچىلىق ،قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 236-ماددا، 274-ماددا، 25 -ماددا، 69-ماددا بەلگىلىمسى بۇيىچە؛ جاۋاپكار ئېXXنى قاقتى -سوقتى قىلىش جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ  274-ماددا، 25 -ماددا  بەلگىلىمسى بۇيىچە جىنايى  جازا بېرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا ،15-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق.

                 تەپتىش : نXX 

                 مۇۋەققەت   تەپتىش : دXX

           2020 -يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى

ئىزاھات : 

1.​ جاۋابكارلار ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

2.​ 18 نۇسخا  ئەيىبنامە، 3 نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى ۋە 2  توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top