欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某危险驾驶案)(自然人犯罪案件)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-20 尘埃 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕161号 

  ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

 

ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020)  161  -نومۇرلۇق

 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار ئا xx، ئەر، ئۇيغۇر، x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى x، ئۇچتۇرپان ناھىيە xيېزا x-كەنىت x-مەھەللە x-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ساۋادسىز، دىھقان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن. 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئا xxنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار ئا xx 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 11:00 لەر ئەتراپىدا xيېزىلىق خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ھاراق دۇكىنىدا ئۆزى يالغۇز «x» دىگەن بىر رومكىسى 150 گىراملىق ئاق ھاراقتىن بىرنى ئىچكەندىن كېيىن، دۇكاندىن چىقىپ پىيادە xيېزا x-كەنىت x-مەھەللىدىكى ئۆيىگە قايتىغان، ئۇنىڭدىن كېيىن سائەت 13:30 لار ئەتراپىدا ئۆيىدىكى 新29-xنۇمۇرلۇق، xتىپلىق تىراكتۇرىنى پىراۋىسىز ھەيدەپ xيېزىلىق xئالدىغا كەلگەندە، xيېزىلىق خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن ھاراق ئىچىپ تىراكتور ھەيدىگەنلىكى بايقالغان. 

ئەدلىيىلىك باھالاش پىكرىدە «ئا xxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئالىكوگۇل مىقدارى 125.69 مىللىگىرام » يەكۈن چىقارغان. 

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار ئا xx مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئا xxنىڭ ھاراق ئىچىپ مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

 

تەپتىش: ئىبرايىم مۇتەللىپ

پۈتۈكچى: ئابدۇرسۇل ۋېلى

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى

 

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە، x

(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top