欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某·阿卜力孜盗窃案)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

ئۈ ش ت ت 1-بۆلۇم چىقىش (2020) 238–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار ئالىم ئابلىز، ئەر، 1998-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى شىنجاڭ گۇما ناھىيسىدە  تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6532231998، ئۇيغۇر، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەلۇماتلىق، ئىشسىز، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادېرسى: شىنجاڭ 14-دېۋىزىيە خوتەن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايۇنى گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى *-لىيەن *-رەت ***-نومۇر، ئۈرۈمچىدە مۇقىم ئولتۇرۇشلۇق ئورنى يوق. 2018-يىلى شىنجاڭ خوتەن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 7 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلگەن، 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن. بۇ قېتىم 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.  

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئالىم ئابلىزنىڭ ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 12–ئاينىڭ 18-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە  جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەر سائەت 6:30 لار ئەتىراپىدا، جاۋابكار ئالىم ئابلىز ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى داۋەن شىمالى يولى جىنخەيۋەن ئىستىراھەت مېھمانخانىسىنىڭ يۇيۇنۇش مەركىزىدە، زىيانلانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە**** ئۇخلاۋاتقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، يېنىغا قويۇپ قويغان بىر دانە 9700 يۈەن قىممىتىدىكى، قارا كۆك رەڭلىك ئالما ماركىلىق pro max 11 يانفوننى تۇيدۇرماي ئېلىۋالغان ھەمدە تىلفۇننى سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن جاۋابكار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا 10 مىڭ يۈەن تۆلەپ بەرگەن. 

جاۋابكار ئالىم ئابلىز 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى ئەتىراپىدا ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان. 

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. يازما ئىسپات: جاۋابكار ئالىم ئابلىزنىڭ نوپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى يېزىپ بەرگەن ئىسپات؛

2.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛

3. گۇۋاھچى شىن***نىڭ گۇۋاھلىقى؛

4. جاۋابكار ئالىم ئابلىزنىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

     5. مال باھا بېكىتىش مەركىزىنىڭ باھالاشنامىسى؛

6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى؛ دېلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنى، نەق مەيدان تونۇتۇش خاتىرىسى قاتارلىقلار. 

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ئالىم ئابلىزنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، شۇنداقلا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئالىم ئابلىزنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، شەخسلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مېلىنى يۆشۈرۇن ۋاستىنى قوللىنىپ ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار ئالىم ئابلىز ئىلگىرى قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كىيىنكى بەش يىل ئېچىدە يەنە مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى جازا بېرىلىدىغان قەستەن جىنايەت سادىر قىلغان، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 65-ماددىسى بويىچە ئېغىر جازا بېرىش كىرەك. جاۋابكار ئالىم ئابلىز ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، يىنىك جازا بىرىشكە بولىدۇ. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

                                       تەپتىش: قۇددۇس قاسىم 

                           تەپتىش ياردەمچىسى: سەمىجان سەمەت

2020–يىلى 12–ئاينىڭ 29–كۈنى

ئەسكەرتىش:

1. جاۋابكار ئالىم ئابلىز ئائىلىسىدە كېپىلدە؛

2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش دېلو ماتىرىيالى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.  3. جازا ئۆلچەش پىكرى ۋە ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش تەكلىپنامىسىدىن بىر نۇسخدىن بىرگە يوللاندى.

 4.جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top