欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(达某某的危险驾驶罪案件)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-20 尘埃 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕553号 

  ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ             ئەيىبنامىسى

ئۇ ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىبلەش (2020)553-نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار داxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xx . نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جايى: ئۇچتۇرپان ناھىيە xx بازىرى xx-كەنىت xx-مەھەللە، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق جايى: ئۇچتۇرپان ناھىيە xx بازىرى xx ئولتۇراق رايۇنى xx-بىنا xx-كۇرپۇس xx-نومۇرلۇق ئۆي، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، كەسپى ئىشلەمچى، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020–يىلى 7–ئاينىڭ 24–كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار داxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار بىلەن نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دېلونى تىز سوت قىلىش تەرتىپنى قوللىنىپ سوتلاشقا قۇشۇلدى.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار داxx 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 22:00 ئەتراپىدا نەۋرە ئىنىسى مەxx بىلەن يېڭىشەھەر 3-رايۇندىكى بىر ھاراق دۇكىنىدا ھاراق ئىچىپ، سائەت 00:00 دىن ئاشقاندا ئۈزى يالغۇز جاھانگىر دىسكۇ كۇلۇبىنىڭ يان تەرىپىگە توختىىتىپ قويغان xx نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكلىتىنى مەسىت، پىراۋىسىز ھەيدەپ بەش مىتىر ئەتراپىدا ماڭغاندا، شۇ ئەتراپتا چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن بايقالغان.

شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بويۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنى xx-نومۇرلۇق ئەدىليىلىك باھالاش دوكلاتىدا «داxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 156.34 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقارغان بۇلۇپ، جاۋابكار مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار داxx يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ،جاۋابكار داxxنىڭ ھاراق ئىچىپ مەسىت، پىراۋىسىز ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار. 3 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىش، قۇشۇمچە 6000 يۈەن شىتىراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن

پۈتۈكچى: ئالىمجان ئىمامنىياز 

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى

ئىزاھات: (1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە. xx

(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top