欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某危险驾驶罪一案)(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

xxشەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش [2020]   380-نومۇرلۇق 

xx شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار ئەxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx- يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xxxxxxxx6529011987، شىنجاڭ xx شەھەردە تۇغۇلغان، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن:xx ساقچىخانسى،xxشەھەرxx بازىرى xx كەنت 1- گورۇپ 28- نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020- يىلى 7– ئاينىڭ 16- كۈنى xxشەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.

  xx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 14- كۈنى [2020]955-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى. 

   قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

جاۋابكار ئەزxx 2020-يىلى 06-ئاينىڭ 19-كۇنى سائەت 15:05 لەردە  ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈنxx شەھەر قارا تال بازار 13- كۈنتتىكى كىچىك بازارغا توختىتىپ قويغان 新NFxx نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موسىكىلتنى پىراۋىسى ماس كەلمىگەن ئەھۋالدا ھەيدەپ xx بازار 14- كەنت بىلەن 15- كەنتنىڭ ئارلىقىدىكى يولغا كەلگەندە يول ياقىسىغا توختىتىپ قويۇلغان ماشىننىڭ ئارقا كۆرسەتكۈچ ئەينىكىگە تىگىپ كىتىپ يىقىلىپ چۈشكەن، شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار جاۋابكارxxھاراق ئىچىپ موتوسىكىلىت ھەيدىگەن دەپ گۇمانلىنىپ، قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى جاۋابكار ئەxx دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قېنىنى ئېلىپ تېخنىكىلىق باھالاشقا ھاۋالە قىلغاندا 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتىدارى 294.68 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ۋە ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

مەھكىمىمىز جاۋابكار ئەزxx يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك، جاۋابكار ئەزxx جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، شۇڭا جاۋابكار ئەزxx «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن ۋە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە 5 ئاي 10 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە  10000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق. 

                   تەپتىش : xx 

                        مۇۋەققەت تەپتىش : ئەسxx

   2020-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى

ئىزاھات : 

1.جاۋابكار كېپىلدە. ئالاقىلىشىش نۇمۇرى: 13379733474

   2. 8نۇسخا ئەيىبنامە، جىنايىتىنى تۇتۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تېل خېتى، بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top