欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某涉嫌危险驾驶案)(公开版)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ت  ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم  ئەيىپلەش (2020)48-نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

  جاۋابكارئە**، ئەر، ئويغۇر، **ياش،****-يىلى**- ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 2034********652925 ، تۇلۇقسىز ئوتتورا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگەئىگە،دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان،ت**ناھىيىسىدىن، ت**ناھىيە  ئۆ** يېزا  ت** كەنىت **-گوروپتا  ئولتۇرۇشلۇق، 2020- يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى توقسۇناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىرتەرەپ قلىنغىچە كاپالەتچگە بېرىلگەن.

بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار         ئە**نى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2020) 84-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكارلار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:

جاۋابكار ئە**2020- يىلى 01- ئاينىڭ 04- كۈنى سائەت 00 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەن ئەتراپىدا، توقسۇ ناھىيە ئۆگەن يېزا تېرەكلىك كەنت 1-گوروپتىكى شى**نىڭ ئۆيىدە شى**، ر** قاتارلىقلار بىلەن ئولتۇرۇپ كىلولاپ ساتىدىغان ئاق ھاراقتىن 500 گىرام ئەتراپىدا ئىچكەندىن كېيىن، سائەت 02 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەن ئەتراپتا توقسۇ ناھىيە ئۆگەن يېزا تېرەكلىك كەنت 2-گوروپ 30-نومۇرلۇق ئۆيىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان  新N5753Eنومۇرلۇق ماشىنىنى پىراۋىلىق ھەيدەپ، غەرپتىن شەرققە يۆلىنىش بويىچە يول يۈرۈپ، توقسۇ ناھىيە ئۆگەن يېزا تېرەكلىك كەنت كەنت كومتىتىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ماشىنىنى ھەيدەپ شەرقتىن غەرپكە يۆلىنىش بويىچە يول يۈرۈپ توقسۇ ناھىيە ئۆگەن يېزا تېرەكلىك كەنت 2-گوروپ 30-نومۇرلۇق ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرەت ساقچىللىرى تەرىپىدىن تەكشۈرلۈپ، ئە**نى توقسۇ ناھىيە ئۆگەن يېزا يېزىلىق شىپاخانىغا ئېلىپ بېرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.

شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) 153- نومۇرلۇق باھالاش دوكلاتنامىسىدە« ئە**نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقى تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 142 مىللىگىرام»  دىيىلگەن.

    يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.

مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار   ئە**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن   ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكار          ئە**غا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا2 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 4مىڭ يۈەن شىتراف قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز . شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

                  مۇئاۋىن  باش تەپتىش :  ئۆمەر ئەمەت

                        تەپتىش:    مۇنىرە ئېلى

                        2020-يىلى 3-ئاينىڭ  20-كۈنى

قۇشۇمچە :

1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى،  بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top