和某某人民检察院
起 诉 书
和某某检一部刑诉〔2021〕61号
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
خېجىڭ تەپتىش بىرىنچى بۆلىمى جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2021)61 -نومۇرلۇق
جاۋابكار ئە** ئەر، ئۇيغۇر، 1964-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: ********،6528271964تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،كەسپى:دېھقان،بۇرۇن جازالىانمىغان،نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن:شىنجاڭ ** ناھىيە ** دېھقانچىلىق مەيدانى ** يولى **-قورۇ **-نومۇر،2020-يىلى 04-ئاينىڭ 20-كۈنى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلنغۇچە كېپىللگە بىرىلگەن،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى:شىنجاڭ ** ناھىيە ** دېھقانچىلىق مەيدانى ** يولى **-قورۇ **-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق،ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە.
جاۋابكار ئە**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش دىلوسىنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2021-يىلى 01-ئاينىڭ 28-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى،دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى.دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى،جاۋابكار ئە** مەزكۇر دىلودا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
2020-يىلى 04-ئاينىڭ 05-كۈنى كەچتە،جاۋابكار ئە**دوستلىرى ئا**،ي**قاتارلىقلار بىلەن ئۆيىدە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقاچ تاڭ ئاتقۇچە ھاراق ئىچكەن،ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئۇخلىغان،2020-يىلى 04-ئاينىڭ 06-كۈنى چۈشتىن كىيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 17:45 ئەتراپىدا ئويغۇنۇپ،مەستلىكى تېخى يىشىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا كۆكتات سېتىۋىىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ *****新M نومۇرلۇق ئادەتتىكى ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى ھەيدەپ،شىمال-جەنۇب يۆلىنىشىدە مېڭىپ،** ناھىيە ** دېھقانچلىق مەيدانى يېزا يولى **-لېنىيىسى **كىلومىتىر ** مىتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە،خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچللىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020)زەھەرباھالاش ****-نومۇرلۇق باھالاشنامىسىدە جاۋابكار ئە**ىڭ ھەر يۈز مىللىتىر قان تەركىبىدە 173 مىللىگىرام ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ بىكىتكەن.جاۋابكار ئە** دىلو سادىر قىلغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان.
يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرسى،نەق مەيدان رەسىمى،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،دىلوغا مۇناسىۋەتلىك ئەدىلىيەلىك تەكشۈرۈپ باھالاش پىكىرنامىسى،يازما ئىسپات قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ،جاۋابكار ئە** قاتناش بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش قانۇن نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدا مەست ھالەتتە پىراۋىسىز ھەيدىگەن،قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ،جىنايى پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپات تولۇق.جاۋابكار ئە**نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.جاۋابكار ئە**جىنايىتى تۇنۇپ،جىنايى جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ15-ماددسىىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ،شۇڭا ئە**قا ئۈچ ئاي ئون كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى،قۇشۇمچە 6000 يۈەن جەرىمانە قۇيۇش جازاسى بىرىشىڭلارغا تەكلىپ بىرىمىز.جاۋابكار ئە**نى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن:
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئەخمەتجان روزى
2021-يىلى 02-ئاينىڭ 07-كۈنى
قوشۇمچە :
1)جاۋابكار ئە** ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بېرىلگەن،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ **ناھىيە ** دېھقانچىلىق مەيدانى **يولى **-قورۇ **-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق.ئالاقىلشش نۇمۇرى : ******** 159
2)دىلو ئارخىۋى بىر توپلام.
3)ئەيىپنامە سەككىز نۇسخا .
4)جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى بىر پارچە .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论