欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(疏某某贩卖毒品案)(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۈ ش ت ت 1-※بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020)132–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

  جاۋابكار   شۆ**، ئەر، ئۇيغۇر، 1988-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى: ********6501031988، ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: **شەھەر **رايۇنى **يولى **-نۇمۇر **ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇرلۇق ئۆي. ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: **شەھەرلىك **رايۇنى ** قوروسى **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن 4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلگەن. 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە 2يىل مەجبۇرى زەھەرسىزلەندۇرگەن. بۇ قېتىم زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقۇرى يىڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايۇنى يېڭى شەھەر رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى مەھكىمىمىز  زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ ئاينىڭ 30-كۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۇقۇرى يىڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايۇنى يېڭى شەھەر رايونلۇق شۆبىسى   قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار شۆ**نىڭ زەھەر ئېلىپ-سېتىش دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 6–ئاينىڭ 25-كۈنى  قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى .

     قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى جاۋابكار شۆ**، ** رايۇنى **يولى ئەتراپىدا  باشقىلارغا  بىر تال ئاق رەڭلىك گۇمانلىق تابلىتكا (سافېي)نى  150يۈەنگە ساتقان نەق مەيداندا ج خ خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.تۇتۇلغاندىن كېيىن يېنىدىن 7تال ئاق رەڭلىك گۇمانلىق تابلىتكا (سافېي)نى ئاختۇرۇپ تاپقان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش ئورنىنىڭ ئۈ ج خ ب ز [2020] 055-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدە جاۋابكار ساتقان بىر تال ئاق رەڭلىك گۇمانلىق تابلىتكا تەركىۋىدىن  گىدوروخلورىد دىنمىنوفى تەركىۋى تەكشۈرۈپ چىقىرىلغان بولۇپ   ئېغىرلىقى 0.06گىرام، يىنىدىن چىققان 7تال ئاق رەڭلىك گۇمانلىق تابلىتكا تەركىۋىدىن  گىدوروخلورىد دىنمىنوفى تەركىۋى تەكشۈرۈپ چىقىرىلغان بولۇپ   ئېغىرلىقى 0.49گىرام ، ئومومىي ئېغىرلىقى 0.55گىرام دەپ باھالاپ بىكىتكەن.

    جاۋابكار شۆ** 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يەنئەن يولىدا باشقىلارغا زەھەر ساتقان نەق مەيداندايۇقۇرى يىڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايۇنى يېڭى شەھەر رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن  تۇتۇلغان.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. يازما ئىسپات: جاۋابكار شۆ**نىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛

2. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى: گۇۋاھچى مە**نىڭ  گۇۋاھلىق سۆزى؛

3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى: جاۋابكار شۆ**تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4. باھالاش پىكرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى؛

5. ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى: ئاختۇرۇش خاتىرىسى، دېلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك بۇيۇمدىن ئەۋرىشكە ئېلىش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش خاتىرىسى؛ 

6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى، مۇناسىۋەتلىك سۆرەتلەر.

  يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقىي بولۇپ،شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق ھەمدە ئۆزلىگىدىن جىنايىتىنى تونۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار شۆ**نىڭ پايدا تېپىش مەقسىتىدە، باشقىلارغا زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ -ساتقان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347–ماددىسىنىڭ 1-، 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

 تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن

تەپتىش ياردەمچىسى:مەردان ھۈسەنجان

2020–يىلى 7–ئاينىڭ 8-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1.جاۋابكار شۆ** ھازىر ئۇرۇمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا؛

2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش دېلو ماتىرىيالى 2 توپلام بىرگە يوللاندى. 

3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى ۋە جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.

4.جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top