شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 260- نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار سX، ئەر، ئويغۇر، 1989-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6529231989******** ،ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، يۇرتى:شىنجاڭ گۇچۇڭ ناھىيىسى، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى:كۇچا ناھىيە ** يۇلى ** **-كوچا ** **-تارماق**-نۇمۇر قۇشۇمچە**-نۇمۇرلۇق ئۆي، ئىلگىرى جازالانمىغان.
2019-يىلى8- ئاينىڭ14- كۇنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن كۇچا ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىلگە بېرىلگەن ،2020-يىلى4-ئاينىڭ1-كۇنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 55-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار سXنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايى دىلوسىنى 2020- يىلى 3- ئاينىڭ30- كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق ۋە جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۋوكاتىنىڭ پىكرىنى ئالدۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا تېز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى. دىلودىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :
جاۋابكار سX2019-يىلى07-ئاينىڭ29-كۈنى سائەت18:00لەر ئەتراپىدا ئىشتىن چۈشۈپ ئۆزىنىڭ新N****نۇمۇرلۇق** چاقلىق موتوسىكلىتنى ھەيدەپ ** كىنوخانىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئاق ھاراق سېتىۋېلىپ چىقىپ موتوسىكلىت ھەيدەپ ** يۇلىغا چىقىپ بىر باغقا كىرىپ ئولتۇرۇپ ئۆزى يالغۇز ھاراقنى ئىچىۋەتكەندىن كىيىن سائەت22لەر ئەتراپىدا ** ئولتۇرا رايونىدىكى ئۈيىگە قايتىپ كىتيش ئۈچۈن ھەيدەپ كەلگەن新N****نۇمۇرلۇق** رەڭلىك ** چاقلىق موتوسىكلىتنى پىراۋىسىز ھالەتتە ** يۇلى ماتۇرسىز قاتناش ۋاستىسى يۇلىدا شەرق-غەرپ يۆلىنشىتە ھەيدەپ مېڭىپ ھادىسە يۈز بەرگەن ئورۇنغا كەلگەندە شۇ يولدا غەرپ-شەرق يۆلىنىشتە كىلىۋاتقان گX ھەيدىگەن新电N****نۇمۇرلۇق** چاقلىق توكسىكلىت بىلەن سۇقۇشۇپ كەتكەن،نەتىجىدە گX،سX يارلىنىش،ئىككى قاتناش ۋاسىتىسى بۇزۇلۇشتەك يول قاتناش ھادىسىسى كىلىپ چىققان.
شىنجاڭ قاتناش پەن- تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسىدە، سXنىڭ ۋىنا قان تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقتارى/100ml mg236دەپ باھالاپ بېكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى،باھالاشنامە، ئېنىقلاپ– تەكشۈرۈش خاتىرسى،ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
دىمەك،جاۋابكار سXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل- ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق بېكىتىشكە بولىدۇ,جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۇزدىغان جىنايى ھەركەتلەرگە زەربە بېرىپ، قاتناش- تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر،راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار سXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 133-ماددا 1-تارماق، 67- ماددا3- تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە, 4 ئاي 15 كۇن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، قۇشۇمچە شىتىراف قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىپ،«جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ئەنۋەر ئەخمەت
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1 .جاۋابكار سX ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە .
2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، تېز كېسىم تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى قۇبۇل قىلىش ئېتراپنامىسى بىرگە يوللاندى .
Comments
成为第一个评论者
发表评论
评论