欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(日某某信用诈骗案)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 

كۇچا ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ك ت ئەيىبلەش چىقىش 〔2020〕158- نومۇرلۇق

 كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار ر x،ئايال،ئويغۇر،1999-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: **********6529231999 ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،كۇچا ناھىيە *** يېزا **** كەنتنىڭ تەكلىپلىك ئىجتىمائى كاپالەت سۇغۇرتا خادىمى ، يۇرتى شىنجاڭ كۇچا ناھىيىسى ، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئۇرنى ۋە ھازىرقى ئولتۇرغى: كۇچا ناھىيە**** يېزا **** كەنىت **-گوروپپا ***-نۇمۇر،ئىلگىرى جازالانمغان .

 كىردىت كارتا ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2019- يىلى10- ئاينىڭ4-كۈنى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپەلەتچىگە بېرىلگەن . 

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2019〕697-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق يوللىغان جاۋابكار رxنىڭ كىردىت كارتا ئالدامچىلىق جىنايى دېلوسىنى 2019- يىلى11– ئاينىڭ 04-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق،2019-يىلى12-ئاينىڭ5-كۈنى دىلو بىجىرىش سۈركىنى ئۇزارتتۇق،2019 -يىلى12- ئاينىڭ19-كۈنى دىلونى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىگە تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە يوللىدۇق، 2020- يىلى1-ئاينىڭ18-كۈنى تۇلۇقلاپ قايتا يوللىدى، 2020-يىلى2-ئاينىڭ28-كۈنى دىلو بىجىرىش سۈرىكىنى 15 كۈن ئۇزارتتۇق،2020-يىلى3-ئاينىڭ5-كۈنى دىلونى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىگە تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە يوللىدۇق،2020-يىلى3-ئاينىڭ24-كۈنى دىلونى تۇلۇقلاپ قايتا يوللىدى،دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش كۆردۈق،جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىشقا  قۇشۇلدى، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

جاۋابكار رx2018-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ *** يېزا ** كەنتىدە تەكلىپ بىلەن ئىجدىمائى كاپالەت سۇغۇرتا خادىمى بۇلۇپ ئىشلىگەن.2018-يىلى 11-ئايدا*** يېزىلىق خەلق ھۈكۈمىتى 2019-يىللىق داۋالىنىش سۇغۇرتا پۇلنى يىغىش توغرىسدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن***كەنىت كومتىتى ئۇقتۇرۇشنىڭ رۇھىغا ئاساسەن ،داۋالىنىش سۇغۇرتا پۇلنى يىغىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان جاۋابكار رx بۇ خىزمەتكە مەسئول بۇلۇپ ئىشلىگەن .داۋلىنىش سۇغۇرتا پۇلنى يىغىش داۋامىدا ،كۆپ قىسىم دىھقانلارنىڭ بانكا كارتىسى يوق ياكى بانكا كارتىسدا پۇل يوق سەۋەبىدىن ،نەق پۇل شەكىلدە داۋالىنش سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرماقچى بولغان كەنىت كومتىتى دېھقانلارغا  قولايلىق يارتىش ئۈچۈن كەنىتتىكى ئىقدىسادى ئەھۋالى ياخشى بولغان تx ،ئېx قاتارلىق دېھقانلارنىڭ كارتىسىدىكى پۇلنى نەق پۇلنى تاپشۇرماقچى بولغان دېھقانلارغا ۋاكالىتەن كارتا سىيرىپ، يىغلغان نەق پۇلنى كارتىسىنى سىيرىگەن دېھىاننىڭ كارتىسغا ئۇرۇپ بىرىش ئۇسۇلىنى قوللانغان،بۇ جەرياندا رx يىغلىغان نەق پۇلدىن 32مىڭ يۈەننى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىستىمالغا ئىشلتىپ كەتكەن،كىيىن خەجلەپ كەتكەن پۇلنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ،كەنىتتىكى 60ياشتىن ئاشقان ،ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا رەسمىيتى بېجىرمەكچى بۇلۇپ، سۇغۇرتا كارتىسنى رxقا بەرگەن سۇغۇرتا كارتىسى نۇرمال ئىشلىمىگەنلىكىتىن رx كارتىسىنى يىغۋالغان دىھقانلاردىن مx، ھx زx،ئېx ئەx قاتارلىقلارنىڭ كارتسىدىن كارتا سىيرىش ئاپتوماتىك پۇل بەرگۈدىن نەق پۇل ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا 32مىڭ يۈەننڭ ئورنىنى تولدۇرغاندىن باشقا يەنە شەخسى ئىستىمالغا ئىشلەتكەن. 

1)زىيانلانغۇچى مxنىڭ كارتىسدىن 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈندىن 5-ئاينىڭ 14-كۈنىگچە جەمئى 16قېتىمدا ،21724يۈەن پۇلنى كارتا سىيرىش ،ئاپتۇماتىك پۇل بەرگۈدىن نەق پۇل ئېلىش ئۇسۇلىدا ئېلىۋالغان بۇنىڭدىن 7820يۈەننى كام چىققان پۇلنىڭ ئورىننى تۇلۇقلاشقا ئىشلەتكەن،13904يۈەننى خەجلەپ تۈگەتكەن.

(2 زىيانلانغۇچى ھxىنىڭ كارتىسىدىن 2018-يىلى 12-ئاينىڭ13-كۈنىدىن 2019-يىلى 3-ئاۇنىڭ 24-كۈنىگىچە جەمئى 16قېتىمدا 3880يۈەن پۇلنى كارتا سىيرىش ئاپتۇماتىك پۇل بەرگۈدىن نەق پۇل ئېلىش ئۇسۇلىدا ئېلىۋالغان،بۇنىڭدىن 3880يۈەننى كام چىققان پۇلنىڭ ئورنىنى تۇلۇقلاشقا ئىشلەتكەن،500يۈەننى خەجلەپ تۈگەتكەن.

3)زىيانلانغۇچى زxنىڭ كارتىسىدىن 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈندىن 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە جەمئى 30قېتىمدا 11600يۈەننى كام چىققان پۇلنىڭ ئورىنىنى تۇلۇقلاشقا ئىشلەتكەن،7700يۈەننى خەجلەپ تۈگەتكەن.

4)زىيانلانغۇچى ئېxنىڭ كارتىسدىن 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈندىن 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە جەمئى 68قېتىمدا ،19000يۈەننى كارتا سىيرىش ،ئاپتۇماتىك پۇل بەرگۈدىن نەق پۇل ئېلىش ئۇسۇلىدا ئېلىۋالغان،بۇنىڭدىن 16900يۈننى كام چىققان پۇلنىڭ ئورىننى تۇلۇقلاشقا ئىشلەتكەن،2100يۈەننى خەجلەپ تۈگەتكەن.

5)زىيانلانغۇچى ئەxنىڭ كارتىسىدىن 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 200يۈەننى ئاپتۇماتىك پۇل بەرگۈدىن ئېلىش ئۇسۇلىدا ئېلىۋالغان.

   دىمەك جاۋابكار رx 2018-يىلى 11-ئايدىن 2019-يىلى 7-ئايغىچە كۆپ قېتىم كارتا سىيرىش ئاپتۇماتىك پۇل بەرگۈدىن نەق پۇل ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا باشقىلارنىڭ 56404يۈەن پۇلنى ئىشلىتىۋالغان،ناھىيلىك ئىنتىزام  تەكشۈرۈش كومتىتى تەرپىدىن بايقالغاندىن كىيىن ئېلىۋالغان پۇلنى زىيانلانغۇچىغلارغا تۇلۇق قايتۇرغان،زىيان ئەسلىگە كەلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، ئۈن-سىن ماتىرىيالى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

دىمەك، جاۋابكار رxنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن كىردىت كارتا ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بولۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ، جاۋاپكارنىڭ بېكىتكەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق ، ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىز بانكا ۋە پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ كىردىت كارتىسىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەلەشتۈرۈش ۋە جامائەت،شەخىسلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ،جاۋابكار رىيانگۈل مىجىتنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 196- ماددا 2- تارماق،67- ماددا 1-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.  

ھۆرمەت بىلەن :

   تەپتىش : ئەنۋەر ئەخمەت

       2020-يىلى3-ئاينىڭ 25-كۈنى

قوشۇمچە : 

1) جاۋابكار رxئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن ھازىر ئائىلىسىدە  .

           2) بىر توپلام تەھقىقلەش دېلو ماتېرىيالى،9نۇسخا ئەيىبنامە ،ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top