欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(拍某某涉嫌盗窃案)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى 

كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 

ئەيىبلەشنامىسى

ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2020)573-نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار پXX، ئايال، 1992-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6528011992 ، ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىسى XX كەنتىXX-گۇرۇپXX-نۇمۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يولى XX ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX- ئىشىك XX-ئۆي، مۇقۇم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى3- ئاينىڭ 31-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان. شۇ يىلى 4- ئاينىڭ 9- كۈنى مەھكىمىمىز ئوغرىلىق جىنايىتىگە ئاساسەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. ئەتىسى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى جاۋاپكار پXXنىڭ ئوغرىلىق جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 10- كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى جاۋاپكارغا مۇناسىۋەتلىك دەۋا ھۇقۇقىنى يەتكۈزدۇق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئالدۇق، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلونى ئاددى تەرتىپ قوللىنىشقا قۇشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : 

1)  جاۋاپكار پXX 2019-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا زىيانلانغۇچى سXX بىلەن ساتراچخانىغا بېرىش جەريانىدا، سXXنىڭ ئۆيىدىن نەرسە ئوغۇرلاش مەقسىتىدە، سXX دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ماشىنىسىغا قۇيۇپ قويغان ئاچقۇچىدىن، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ بىر تال ئاچقۇچىنى چىقىرۋېلىپ ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جاۋاپكار پXX زىيانلانغۇچى سXXنىڭ ئۆيىدە ئادەم يوقلىقىنى بىلىپ ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، زىيانلانغۇچى سXXنىڭ كورلا شەھىرى چېڭ ئەن يۈەن ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-ئىشىك XX-نۇمۇرلۇق ئۆيىگە كىلىپ ئىلگىرى ئوغۇرلىۋالغان ئاچقۇچ بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ، ئۆيگە كىرىپ، ياتاق ئۆيدىكى كومپىيوتىر ئۈستىلىنىڭ ئۈستىدىن 500( بەش يۈز )يۈەن نەق پۇلنى، ياتاق ئۆيىدىكى ئۈستەلدىن بىر جۈپ سېرىق ئالتۇندىن ياسالغان ھالقىنى ئوغۇرلاپ كەتكەن، شۇ كۈنى ئالتۇن ھالقىنى كورلا شەھىرى ئىتتىپاق سودا بازىرىدىكى زەگەرخانىغا ئېلىپ بېرىپ460 ( تۆت يۈز ئاتمىش ) يۈەنگە سېتىۋېتىپ ئوغۇرلىغان پۇلغا قۇشۇپ خەجلەپ تۈگەتكەن، دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملار يىغىپ كىلىنمىدى، زىيانلانغۇچىنىڭ( توققۇز يۈز ئاتمىش )960 يۈەن زىيىنىنى جاۋاپكار پXXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تۆلەپ قايتۇرغان، دىلونىڭ قىممىتى 960( توققۇز يۈز ئاتمىش)  يۈەن.                                                                                                           

      2) جاۋاپكار  پXX 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 12:00لەر ئەتراپىدا، كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يولى چىلانباغ ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنانىڭ يان تەرىپىدە، ئولتۇراق رايۇنىغا كىرىپ-چىقىش كىنىشكىسى بىجىرىش جەريانىدا، زىيانلانغۇچى دXX دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ توكسىكلىتىغا سېلىپ قويغان ئاچقۇچنىڭ ئارىسىدىن ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ بىر تال ئاچقۇچىنى ئېلىۋېلىپ، زىيانلانغۇچى دXXنىڭ كورلا شەھىرى چىلانباغ ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-ئىشىك XX-نۇمۇرلۇق ئۆيىگە كىلىپ، ئوغۇرلىۋالغان ئاچقۇچ بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرىپ، ئاشخانىنىڭ يېنىدىكى ياتاق ئۆيدىكى كارۋاتنىڭ ئاستىدىكى ئىشكاپنى ئاختۇرۇپ، ئاياق قېپى ئىچىگە سېلىپ قۇيۇلغان9800( توققۇز مىڭ سەككىز يۈز) يۈەن پۇلنى  ئوغۇرلاپ چىقىپ كەتكەن. دىلونىڭ قىممىتى(توققۇز مىڭ سەككىز يۈز)  9800يۈەن . زاڭ پۇل ئىگىسىگە قايتۇرولغان.                                                                                                                             

        3) جاۋاپكار پXX 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كىيىن، زىيانلانغۇچى دXXنىڭ كورلا شەھىرى چىلانباغ ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-ئىشىك XX-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئالدىنقى قېتىم ئوغرىلىق قىلىشتا ئىشلەتكەن ئاچقۇچ بىلەن ئۆينى ئېچىپ كېرىپ،ئاشخانا ئۆينىڭ يېنىدىكى ياتاق ئۆيگە كىرىپ، كارۋات ئاستىدىكى ئاياق قېپىنىڭ ئىچىگە  قۇيۇپ قويغان10000( ئون مىڭ ) يۈەن نەق پۇلنى ئوغۇرلاپ چىقىپ كەتكەن، دىلونىڭ قىممىتى10000( ئون مىڭ )يۈەن. زاڭ پۇل  ئىگىسىگە قايتۇرولغان.                                                                                                      

     4) جاۋاپكار  پXX 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، زىيانلانغۇچى دXX بىلەن تېلفۇندا پاراڭلىشىش جەريانىدا، دXXنىڭ باللىرىنى ئېلىپ چوڭلارنىڭ ئۆيىگە بارىدىغانلىنى بىلگەندىن كىيىن ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، شۇ كۈنى سائەت 12:00لەر ئەتراپىدا، زىيانلانغۇچى دXXنىڭ كورلا شەھىرى چىلانباغ ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-ئىشىك XX-نۇمۇرلۇق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئىلگىرى ئوغۇرلىۋالغان ئاچقۇچ بىلەن ئېچىپ كىرىپ، ئاشخانا ئۆينىڭ يېنىغا قۇيۇلغان ئۈستەلدىكى سومكىنىڭ ئىچىدىن، سېرىق ئالتۇندىن ياسالغان11.71 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر دانە زەنجىر، 8گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر دانە ئۈزۈك، 4گىرام ئېغىرلىقتىكى ئىككى دانە بولاپكا ، 2 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر دانە ھالقا، 17 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر دانە زەنجىر قاتارلىق، جەمئىي 42.71گىرام ئېغىرلىقتىكى سېرىق ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى ئوغۇرلاپ كەتكەن. زاڭ مال ئىگىسىگە قايتۇروپغان.ئوغرىلىق ئومۇمى قىممىتى:-14094 يۈئەن.

       5) جاۋاپكار  پXX 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 15:00 لەر ئەتراپىدا، ئوغرىلىق قىلىش مەقسىتىدە، زىيانلانغۇچى سXXنىڭ كورلا شەھىرى چېڭ ئەن يۈەن ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا  XX-ئىشىك XX-نۇمۇرلۇق ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆيدە ئادەم يوق پۇسەتتىن پايدىلىنىپ، ئالدىنقى قېتىم ئوغرىلىق قىلىشتا ئىشلەتكەن ئاچقۇچ بىلەن ئۆينى ئېچىپ كېرىپ، ئوڭ تەرەپ ياتاق ئۆيدىكى كومپىيوتىر ئۈستىلىنىڭ ئۈستىگە قۇيوپ قويغان قارا رەڭلىك، ئايالچە سومكىنىڭ ئىچىدىكى پورتمالدىن7000 ( يەتتە مىڭ ) يۈەن نەق پۇلنى ئوغۇرلاپ كەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن دىلوغا چېتىشلىق بولغان( بەش مىڭ بىر يۈز )  5100 يۈەن پۇل يىغىپ كىلىنىپ زىيانلانغۇچى سXXغا قايتۇرۇپ بىرىلدى، زىيانلانغۇچىنىڭ باشقا زىيىنىنى جاۋاپكار پXXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تۆلەپ قايتۇردى، دىلونىڭ قىممىتى7000( يەتتە مىڭ )يۈەن .

     جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرسى ۋە جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل- ئىسپات ئىسپاتلايدو.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار  پXX ئەيپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار پXX قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە ، يۇشۇرۇن ئېلىۋېلىش ۋاستىسى قوللىنىپ ، ئۆزى يالغۇز بەش قېتىمدا باشقىلارنىڭ 41854(قىرىق بىر مىڭ سەككىزيۈز ئەللىك تۆت )  يۈئەن قىممىتىدىكى مال – مۈلكىنى ئوغرىلىغان بۇلوپ مىقتارى كۆپرەك قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 264- ماددىسىنىڭ بەلگۈلمىسىگە خىلاپ بۇلوپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتى تۇلۇق . ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىغىنى سۇرۇشتۇرۇشكە تىگىشلىك. جاۋاپكار پXX قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان بۇلوپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67- ماددىسىنىڭ 3- تارمىقىدىكى يېنىك جازا بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىگە ئاساسەن، جاۋاپكار پەزىلەت موسانى مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۈكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن :

 كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە        

تەپتىش : يۈسۈپجان مەمەت

ھەمراگۈل ياسىن

                                   2020- يىلى 7- ئاينىڭ 23- كۈنى

ئەسكەرتىش : (1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام ، 10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى .  

(2) جاۋاپكار ھازىر  كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top