شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
پىچان تەپتىش ج ئى ئە چىقىش (2020) 274-نومۇرلۇق
پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار: بXX ،ئەر، ئۇيغۇر، 20**- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 2835******65410120، غۇلجا شەھەر ** بازار ** كەنت **- گۇرۇپپا **- نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئىشسىز، ئىلگىرى جازالانمىغان. ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 28- كۈنى پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، 2019- يىلى 2- ئاينىڭ 3- كۈنى پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بېرىلگەن، 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 15- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن كىپىللىككە بېرىلگەن.
پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار بXXنىڭ ئالدامچىلىق دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 15- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق، 2020- يىلى 2- ئاينىڭ 16- كۈنى دېلو بىجىرىش مۇددىتىنى 15 كۈن ئۇزارتتۇق، 2020- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنى دېلونى تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق، پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تولۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 3- ئاينىڭ 31- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى، 2020- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنى دېلو بىجىرىش مۇددىتىنى 15 كۈن ئۇزارتتۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكارغا جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا تېز كېسىم قىلىش تەرتىپنى تەدبىقلاپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرىنى ئېنىقلاپ چىقتى:
1. 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى جاۋابكار بXX بىلەن مXX ( 14 ياش ) ئىككىسى بىرلىشىپ، ئالدامچىلىق قىلىش مەقسىتىدە 3815****184 نومۇرلۇق تىلىفۇندىن خوتەن قاراقاش ناھىيە قاراقاش بازار گۈزە ئاھالىلەر كومىتىتى 5- گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق شXXغا تىلىفۇن قىلىپ، ئۆزلىرىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى دەپ تونۇشتۇرۇپ، سەن يىتىخۇا ( 一体化 ) غا چۈشۈپ قاپسەن، دەپ ئۇنىڭ يانغۇنىغا 6 خانىلىق دەلىللەش نومۇرى ئەۋەتىپ، شXXنىڭ ئۈندىدارىنى ئېچىپ، ئۈندىدار پۇل قاپچۇقىدىكى 200 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋىلىپ، پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
2. 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى سائەت 23:00 لار ئەتراپىدا، جاۋابكار بXX بىلەن مXX ( 14 ياش ) ئىككىسى بىرلىشىپ، ئالدامچىلىق قىلىش مەقسىتىدە 3815****184 نومۇرلۇق تېلىفۇندىن پىچان ناھىيە لۈكچۈن بازار كونىشا كەنت 2- گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۆXXنىڭ يانغۇنىغا تىلىفۇن قىلىپ، ئوخشاش ئۇسۇلدا ئۆXXنىڭ ئۈندىدار پۇل قاپچۇقىدىكى 150 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋىلىپ، پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
3. 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار بXX بىلەن مXX ( 14 ياش ) ئىككىسى بىرلىشىپ، ئالدامچىلىق قىلىش مەقسىتىدە 3815****184 نومۇرلۇق تېلىفۇندىن پىچان ناھىيە لۈكچۈن بازار كونىشا كەنت 5- گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق ئەXXنىڭ يانغۇنىغا تىلىفۇن قىلىپ، ئوخشاش ئۇسۇلدا ئەXXنىڭ ئۈندىدار پۇل قاپچۇقىدىكى 1350 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋىلىپ، پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
4. 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 09:30 لار ئەتراپىدا، جاۋابكار بXX بىلەن مXX ( 14 ياش ) ئىككىسى بىرلىشىپ، ئالدامچىلىق قىلىش مەقسىتىدە 3815****184 نومۇرلۇق تېلىفۇندىن قارىقاش ناھىيەسى زابا بازىرى ئورچى كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ئاXXنىڭ يانغۇنىغا تىلىفۇن قىلىپ، ئوخشاش ئۇسۇلدا ئاXXنىڭ ئۈندىدار پۇل قاپچۇقىدىكى 410 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋىلىپ، پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
5. 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 19- كۈنى، جاۋابكار بXX بىلەن مXX ( 14 ياش ) ئىككىسى بىرلىشىپ، ئالدامچىلىق قىلىش مەقسىتىدە 3815****184 نومۇرلۇق تېلىفۇندىن قارىقاش ناھىيەسى زابا بازىرى ئورچى كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى رXXنىڭ يانغۇنىغا تىلىفۇن قىلىپ، ئوخشاش ئۇسۇلدا رXXنىڭ ئۈندىدار پۇل قاپچۇقىدىكى 1360 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋىلىپ، پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
6. 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 19- كۈنى سائەت 18:00 لار ئەتراپىدا، جاۋابكار بXX بىلەن مXX ( 14 ياش ) ئىككىسى بىرلىشىپ، ئالدامچىلىق قىلىش مەقسىتىدە 3815****184 نومۇرلۇق تېلىفۇندىن پىچان ناھىيە تۇيۇق يېزا ياڭخىي يۇقىرى مەھەللە كەنت 1- گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاXXنىڭ يانغۇنىغا تىلىفۇن قىلىپ، ئوخشاش ئۇسۇلدا ئاXXنىڭ ئۈندىدار پۇل قاپچۇقىدىكى 650 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋىلىپ، پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:
1. ماددىي ئىسپات؛ 2. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 3. زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى؛ 4. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 5. تونۇتۇش خاتىرىسى؛ 6. ئۈن- سىن پلاستىنكىسى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار بXXنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار بXXنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، باشقىلارنىڭ 3535 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 266- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.
جاۋابكار بXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15- ماددىسى، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 67- ماددىسىنىڭ 3- تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋابكار بXXگە 6 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش جازا تەكلىپىنى بېرىدۇ.
جاۋابكار بXXنىڭ ئالدامچىلىق دېلوسىنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش: ئاسىمجان ئالىم
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى
ئىزاھات :
1. جاۋاپكار بXX ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.
2. دېلو ماتىرىيالى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلو ئارخىپى 3 توپلام، تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئارخىپى 1 توپلام ،ئەيىبنامە 10 نۇسخا، ئۈن- سىن پىلاستىنكىسى 2 دانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论