ئۈرۈمچى شەھىرى مىدوڭ رايونلۇق
خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ش م د ت بىرىنچى بۆلۈم ئەيىبلەش[2020]204-نومۇر
جاۋابكار ن**، ئەر،ئۇيغۇر،1993 -يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 6527011993********،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە. نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن:بۆرتالا شەھىرى چىڭ دېلى كوچىسى داغدام يولى**-نومۇر. ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى:بۆرتالا شەھىرى گۇلىمۇ كوچىسى مىڭجوڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسى **-بىنا **-ئىشىك **-ئۆي. يەككە تىجارەتچى . 2012-يىلى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن بۆرتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تۆت يىل 11 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى جاۋابكار ** ئوغرىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەر مىدوڭ رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان،2020-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقىلىشى بىلەن قولغا ئىلىنغان، شۇكۈنى قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان. جاۋابكار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقلىق.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مىدوڭ شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ن**نىڭ ئوغرىلىق دېلو ماتېرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى قوبۇل قىلىپ، دېلو ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ چىقىپ قانۇن بويىچە يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلدۇق، جاۋابكارنى سوراق قىلىپ ئۆزىنى ئاقلاش سۆزىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى پاكىت ۋە دەلىل – ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈردۇق، دېلونى بىر قېتىم قايتا تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق، ھازىر دېلونى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، جىنايى پاكىتنى تۆۋەندىكىدەك مۇقىملاشتۇردۇق:
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 10:00ئەتراپىدا جاۋابكار ن** ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى بەيياڭخي مال-چارۋا بازىرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى نۇر**نىڭ ئانا -بالا كالىسىنى سېتىۋالىمەن دەپ قويۇپ 450 يۈەن زاكالەت پۇلى بېرىپ كېيىن نۇر**نىڭ يوقلۇغىدىن پايدىلىنىپ ئىككى كالىنى ئوغرىلاپ كىتىپ بۆرتالا شەھىرىگە ئاپىرىپ 17500يۈەنگە سېتىۋەتكەن.ئۈرۈمچى شەھەرلىك مال-باھا ئىدارىسىنىڭ باھالاش يەكۈنىدە ئوغرىلانغان كالىنىڭ باھاسى 16320يۈەن بېكىتىلگەن.
يۇقىرىقى قىلمىشنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل – ئىسپاتلار
1.ماددىي ئىسپات
يوق
2.يازما ئىسپات
1)دېلو قوبۇل قىلىش جەدۋىلى، دېلو تۇرغۇزۇش قارارنامىسى، توختىتىپ قويۇش كېنىشكىسى، قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش قارارنامىسى
2)دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ نوپۇس ئۇچۇرى
3)زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى نۇر**نىڭ تۆلەم ئالغانلىق ئىسپاتى ، كەچۈرۈمنامىسى
4)زىيانلانغۇچى نۇر**نىڭ جاۋابكار ن**دىن 450يۈەن زاكالەت پۇلى ئالغانلىق ئىسپاتى
5)بۆرتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى
3.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى نۇر**نىڭ بايانى
4.جاۋابكار ن**نىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى
5،ئۈرۈمچى شەھەرلىك مال باھا ئىدارىسىنىڭ 2020-50287نومۇرلۇق باھالاش يەكۈنى.
يۇقىرىقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كېلىش مەنبەسى قانۇنلۇق ،مەزمۇنى راست،بېكىتىشكە بولىدۇ، جاۋاپكار ن** جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە:جاۋابكار ن** قانۇنسىز ئىگىلىۋىلىش مەقسىتىدە ،يوشۇرۇن ئېلىۋىلىش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ ، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق مال-مۈلكىنى ئوغرىلىغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسىغا خىلاپ بولۇپ ئوغرىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتى تولۇق ، جاۋاپكار ن** جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن 5 يىل ئىچىدە يەنە جىنايەت سادىر قىلغان ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 65-ماددىسى بويىچە تەكرار جىنايەتچى ھىساپلىنىدۇ، جاۋابكار دېلو سادىر قىلغاندىن كېيىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلغاچقا «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15 -مادىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ،شۇڭا مەھكىمىمىز «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسى 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلەرگە ئەيىبلىدۇق. قانۇن بويىچە جىنايى جازا بېرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
مىدوڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش:جاپپار قۇربان
ياردەمچى تەپتىش:ئەلى ۋېلى
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
قوشۇمچە:
1.جاۋابكار ن** ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- قاماقخانىدا قاماقلىق.
2. تەھقىقلەش دېلوسى توپلام بىلەن ئەيىبلەشنامىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخسى،جازا ئۆلچەش تەكلىپى، ئاددىي تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى،جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش ئېتىراپنامىسى بىر پارچە.
3. ئۈن – سىن دېسكىسى3 دانە .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论