欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(外某某危险驾驶一案)(公开版)

2021-09-24 尘埃 评论0

  كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

                              ك ش ت ج ئەيىپلەش(2020) 1109-نۇمۇرلۇق 

    جاۋاپكار ۋXX ، ئەر،****-يىل **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،  كىملىك نومۇرى:********6528011974 ،ئۇيغۇر،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،شوپۇر ،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن : كورلا شەھەر ** يۇلى ئوبلاستلىق ** شىركىتى شىمالىي پىڭفاڭ **-‏كورپوس 2-نۇمۇر،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى:كورلا شەھەر ** شىركىتى‏ ئولتۇراق رايۇن**-بىنا **-كورپوس101-‏نۇمۇر،ئىلگىرى جازالانمىغان،2020-يىل 01-ئاينىڭ 12-كۇنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن. 

   كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ۋXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى11-ئاينىڭ 18-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن،2020-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۇنى جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلونى تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.

     قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

  جاۋاپكار ۋXX 2019-يىلى10-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 18دىن 05 مىنۇتلار ئەتراپىدا، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە 新****نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ،كورلا شەھەر ** يولىدا شەرىقتىن - غەرىپكە قاراپ مېڭىپ،** يولى بىلەن ** يولى ئېغىزىغا كەلگەندە،شۇ يول بۆلىگىدە ئوخشاش يۈنۈلۈشتە توختاقلىق ھالەتتىكى ئاXX ھەيدىگەن 新**** نۇمۇرلۇق ماشىنىنىڭ كەينى تەرىپىگە سوققان،نەتىجىدە ئىككى قاتناش ۋاستىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇزۇلۇشىدەك قاتناش ۋەقەسى سادىر بولغان.

شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ۋەقەسى ماددى ئىسپاتلارنى  باھالاش ئورنىنىڭ (2019) ****-نۇمۇرلۇق ئەدلىيىلىك باھالاش پىكىرنامىسىدا:ۋXXنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرىت تەركىۋى ھەر 100 مىللىلىتىردا 151.05مىللىگىرام دەپ يەكۈن چىقارغان.

كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 09-كۈنى (2019)****-نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى چىقىرىپ ۋXXمۇشۇ قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتكەن.

  جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاشنامە، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش سۆرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ۋXX ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكارۋXXنىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەپ ۋەقە سادىر قىلغان قىلمىشى ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى ›› 133-ماددىسىنىڭ 1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.

جاۋاپكار ۋXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتراپ قىلغان بۇلۇپ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى ››نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيچە كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا بۇلىدۇ.شۇڭا‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى ››نىڭ176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار   ۋXXنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن : 

                   كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە          

 

                            تەپتىش :ئايگۈل كېرەم 

                                  2020- يىلى11-ئاينىڭ21-كۈنى  

ئەسكەرتىش : 

(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام، 10نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.  

(2) جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top