ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-دوڭسەن رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ،ش،م،د،ت، ج،ئە [2020] 146-نۇمۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-دوڭسەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار تا**، ئەر، ئۇيغۇ1963-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان. كىملىك نۇمۇرى: 6523221963********، مەدەنىيەت سەۋىيىسى: ساۋاتسىز، خىزمەت ئورنى: ئىشسىز، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن: ئۈرۈمچى مىدۇڭ رايونى يۇڭشۈن كوچىسى **-نۇمۇر **-بىنا **-ئىشىك **-نۇمۇر، ھازىر تۇرۇشلۇق ئورنى: ئۈرۈمچى مىچۈەن رايونى دوڭسەن كوچىسى **-نۇمۇر كاڭجۈيۈەن ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-ئىشىك **-ئۆي. ئالاقىلىشىش نۇمۇرى: ********. جاۋابكار تا** 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلۇپ، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى مەھكىمىمىز (2019)2-نۇمۇرلۇق قارارنامىسى ئارقىلىق قولغا ئالماسلىقنى قارار قىلغان. 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇرالغۇ جايىنى نازارەت ئاسىغا ئالغان ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى كېپىلگە بەرگەن. جاۋابكار ھازىر كېپىلدە.
مەزكۇز دېلونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىگى ئىدارىسى مىدۇڭ رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقوقى بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇرۇپ، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ،جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ،بارلىق دېلو ماتىريالىنى تەكشۈردۇق. جاۋابكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
قانون بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۇنى سائەت 18:30لەر ئەتىراپىدا،جاۋابكار تا** ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى كان ئىشلىرى ئىدارىسى دوختۇرخانىسى ئەتىراپىدا ئىككى بولاق زەھەرلىك بۇيۇم ناتاشانى ئىككى يۈز يۈەن نەق پۇلغا سېتىۋاتقان نەق مەيداندا تۇتۇلغان. ئاختۇرۇش ئارقىلىق جاۋابكار تا**نىڭ سول يانجۇقىدىن يەنە 4 بولاق سۈزۈك ئورالمىغا قاچىلانغان يىشىل رەڭلىك ماددىنى قولغا چۈشۈرگەن. جاۋابكار تا** زەھەرلىك بۇيۇم ناتاشا سېتىپ ئېرىشكەن پۇلنىڭ قىممىتى 100يۈەن قىممىتىدىكى خەلق پۇلىدىن 2پارچە، پۇل نۇمۇرى: (PB56442510,F9M1189912).
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ ئۈ ش ج خ زەھەر تەكشۈرۈش خېتى[2019]112-نۇمۇرلۇق تەكشۈرۈپ-باھالاش دوكىلاتىدا:جاۋابكار تا** ساتقان 2بولاق2.369 گىرام ( سۈزۈك ئورالما خالتىغا قاچىلانغان يىشىل يۇپۇرماقسىمان ماددا(تەكشۈرۈشكە سۇنۇلغان ئەۋرىشكە نۇمۇرى:6-2019112،5-2019112)ئەۋرىشكىسىدىن 5F-ADBتەركىب بايقالمىغان.جاۋابكار تا**نىڭ يىنىدىن تېپىلغان4 بولاق (7.187 گىرام) كىچىك سۈزۈك ئورالما خالتىغا قاچىلانغان يىشىل يۇپۇرماقسىمان ماددىغا قارىتا تەكشۈرىشچە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ ئۈ ش ج خ زەھەر تەكشۈرۈش خېتى[2019]112-نۇمۇرلۇق تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا تا**نىڭ يىنىدا ساقلاپ ئېلىپ يۈرگەن 4 كىچىك ئورالما خالتىغا قاچىلانغان يىشىل يۇپۇرماقسىمان ماددا(تەكشۈرۈشكە سۇنۇلغان ئەۋرىشكە نۇمۇرى: 4-2019112،3-2019112،2-2019112،1-2019112) ئەۋرىشكىسىدىن 5F-ADBتەركىب بايقالمىغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات:
(1)جاۋابكارنىڭ دائىملىق ئۇچۇر جەدىۋىلى
(2)دېلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى،دېلو قۇبۇل قىلىش تىزىملاش جەدىۋىلى،دېلو تۇرغۇزۇش قارارنامىسى
(3)تۇتۇش جەريانى ئىككى نۇسقا
(4)جاۋابكار تا**نىڭ جازا تارىخى؛
2. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى
(1)گۇۋاھچىنىڭ بايانى
3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى
4. باھالاش پىكىرى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ ئۈ ش ج خ زەھەر تەكشۈرۈش خېتى[2019]112-نۇمۇرلۇق تەكشۈرۈپ-باھالاش دوكىلاتى
5. ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى
6. ئۈن-سىن ماتېرىيالى
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنى توپلاش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇن ئوبيېكتى ھەقىقي بولۇپ ئەيىبلەش پاكىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. جاۋابكار تا**نىڭ جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتقا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار تا** قانۇنسىز پايدا تېپىش مەقسىتىدە 9.556 گىرام ناتاشا ئېلىپ-ساتقان قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347-ماددىسىدىكى زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن. 9.556 گىرام ناتاشانىڭ تەركىبىدىن زەھەر تەركىبى بايقالمىغان بولۇپ جىنايەت ئەمەلگە ئاشمىغان.دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق بولۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ . جاۋابكار تا** ئۆز جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتراپ قىلىدۇ.« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ-67ماددىسى -3بەلگىلىمىسى، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ -15ماددىسىغا ئاساسەن جاۋابكارغا مۇددەتلىك 6 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىش تەكلىپى بېرىمىز. جاۋابكارنى «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن»نىڭ -176ماددىسى-1 بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلارغا ئەيىبلىدۇق. جاۋابكارغا قانۇن بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمىز.
تەپتىش: مەمەتتۇرسۇن مامۇت
جاپپار قۇربان
2020-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۇنى
ئىلاۋە:
1. جاۋابكار تا** ھازىر كېپىلدە.
2. تەھقىقلەش دېلوسى 2 توپلام بىلەن ئەيىپلەشنامىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ، جازا ئۆلچەش تەكلىپى ، ئاددىي تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپى ، 3 دانە دېسكا بىرگە يوللاندى.
3. «جىنايىتىنى تونۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىش ئۇقتۇرمىسى» بىر نۇسقا،«جىنايىتىنى تونۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىش تىل خېتى »بىر نۇسقا.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论