شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2020) 771-نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار تx ، ئەر ، ئويغۇر ، 19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى : 6529231990********، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە ، دېھقان ، شىنجاڭ كۇچا ناھىيىسىدىن ، نۇپۇس تۇرۇشلۇق جايى ۋە قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇنقى ئولتۇرۇغى : كۇچا ناھىيە ** بازار ** كەنىت **-گۇرۇپپا **-نۇمۇرلۇق قورو ، ئىلگىرى جازالانمىغان .
كۆز بويامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى 01-ئاينىڭ 23-كۈنى كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بىلەن توختىتىلىپ قۇيۇلغان ، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان ، ھازىر كۇچا ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2020〕 149-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار تxنىڭ كۆز بويامچىلىق دېلوسىنى 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 27-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ « جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۇنى جاۋابكارغا ئاقىلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق ، دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق ،2020-يىلى 05-ئاينىڭ 27-كۈنى دېلو ۋاقىت سۈرىكىنى 15 كۈن ئۇزارتتۇق ، 2020-يىلى 06-ئاينىڭ 11-كۈنى دىلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە يوللىدۇق ،كۇچا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 2020-يىلى 07-ئاينىڭ 08-كۈنى دېلونى تۇلۇقلاپ قايتا يوللىدى ، 2020-يىلى 08-ئاينىڭ 08-كۈنى دېلو ۋاقىت سۈرىكىنى 15 كۈن ئۇزارتتۇق ، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىشقا قۇشۇلدى ، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن دىلودىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :
1-پاكىت : جاۋابكار تx ئىلگىرى زىيانلانغۇچى ئاx بىلەن كۈرىشكەندە دائىم ** دەرىجلىك مەسئۇل ساقچى فاگۇنىنى بار ساقچى فورمىسى كىيىۋالغان ھەم ئۆزىنى ساقچى دەپ تۇنۇشتۇرغان ، 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى زىيانلانغۇچى ئاx جاۋابكار تxغا تىلىفۇن قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى تxنىڭ ياردەم قىلىشىنى دىگەندىن كىيىن ، تx ئاxگە قاتناش ساقچى ئەتىرىتىدىكى ساقچىلار بىلەن تۇنۇشىدىغانلىقىنى ، قاتناش ساقچى ئەتىرىتىدىكى ساقچىلار ئارقىلىق يولىنى مىڭىپ ، ئاxنىڭ تۈرمىدە ياتمايدىغانغا ، پىراۋىسى ئۆلمەيدىغانغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ، بۇنىڭ ئۈچۈن 10000 يۈەن پۇل كىتىدىغانلىقىنى دەپ ، بىر ھەپتە ئىچىدە ئىلىگىرى كىيىن بۇلۇپ ، ئاxدىن 10000 يۈەن پۇلنى ئىلىپ ، خەجلەپ تۈگەتكەن ، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن 4000 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن .
-2پاكىت : جاۋابكار تx ئىلگىرى زىيانلانغۇچى گx بىلەن كۆرۈشكەندە ، ئۆزىنى كۇچا ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ئەتىرىتىدە ئىشلەيمەن دەپ تۇنۇشتۇرغاچقا ، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا زىيانلانغۇچى گx جاۋابكار تxغا تىلىفۇن قىلىپ ، ئۆزىنىڭ 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ماشىنىدا بىرسىنى سۇقىۋېتىپ ، ئادەم سۇقۇپ قويغانلىقىنى بىلمەي ئۆيىگە كەتكەنلىكىنى ، ھازىر قاتناش ساقچى ئەتىرىتىدىن كىنىشىكىسنى بىكار قىلىۋەتكەنلىكىنى ، ياردەم قىلىشىنى دىگەن تx گxگە پىراۋىڭىزنى توڭلىتىپ قويغان بولسا ، مەن يولىنى ماڭىمەن ، قاتناش ساقچى ئەتىرىتىدىكى بالىلار بىلەن كۆڭلۈم يىقىن ، تۆتىنچى تۈرنى قايتا بەرسىڭىز كىنىشكىڭىز ئەسىلىگە كىلىدىغان قىلىپ بىرىمەن دەپ ، بۇنىڭغا يول ماڭدىغانغا پۇل كىتىدۇ دەپ ، گxدىن 10000 يۈەن ئىلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن . 2020-يىلى1-ئاينىڭ 17-كۈنى جاۋابكار تx گxنىڭ ئاپىسى ئاxغا قىزىڭىز گx قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىپ ، قىچىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشكە ئالتە ئايلىق بارىدىكەنتۇق ، مەن بۇ ئىشقا يول مىڭىپ كىپىل بۇلۇپ ، بۇ ئىشىنى تۈگەتتىم ، بۇنىڭ يولىنى ماڭغانغا 15000 يۈەن بەرسڭىز ، قىزىڭىز گx 3-ئايدا شۇپۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ 4-تۈرىگە قاتنىشىدۇ دەپ ، ئاxدىن 15000 يۈەن پۇلنى ئىلىپ ، بانكىدىكى قەرىزىنى تۆلىگەن ، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .
-3پاكىت : 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنلىرى ئەتىراپىدا جاۋابكار تx ، زىيانلانغۇچى ئاxنىڭ رىمونىتخانىسىغا ماشىنسىنى رىمونىت قىلدۇرغىلى بىرىپ ، ئۆزىنى مەن كۇچا ناھيىلىك ج خ ئىدارىسىدا ئىشلەيمەن دەپ تۇنۇشتۇرغان زىيانلانغۇچى ئاx ئۆزىنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ ، پىراۋىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ، بەش يىلغىچە پىراۋا ئالالماس بۇلۇپ قالغانلىقىنى دىگەن ، تx مىنىڭ قاتناش ساقچى ئەتىرىتىدە تۇنۇشۇم بار ، ئاپتۇمۇبىل باشقۇرۇش ئورنىدىمۇ تۇنۇشۇم بار ، پىراۋاڭنى قايتا ئۇقۇيدىغان ، ئۈچ ئايدىلا پىراۋاڭلىنى ئالىدىغان قىلىپ بىرەلەيمەن ، بۇ ئىشىنى ھەل قىلىدىغانغا يول مىڭىش ئۈچۈن 5000 يۈەن كىتىدۇ دەپ ، 2019-يىلى 8-ئايغىچە ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ زىيانلانغۇچى ئاxدىن 4000 يۈەن پۇل ئىلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن . دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
-4پاكىت : 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنلىرى ئەتىراپىدا جاۋابكار ماشىنا رىمونىت قىلدۇرغىلى بېرىپ ماشىنا رىمونىت قىلدۇرىۋاتقان ئەxگە ئۆزىنى كۇچا ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ئەترىتىدە ئىشلەيمەن دەپ تۇنۇشتۇرغان ، زىيانلانغۇچى ئەx ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئامانەت قەرىز كوپىراتىۋىدا ئىشلىگەن چاغدا ، يx دىگەن بىرسىگە قەرىز بىجىرىپ بىرىپ ، پۇلنى قايتۇرمىغاچقا يxنىڭ نامىدا ئۆزىنىڭ 35000 يۈەن پۇلنى قايتۇرىۋەتكەنلىكىنى ، يxنىڭ ھازىرغىچە پۇلنى قايتۇرمىغانلىقىنى ، قانداق قىلسا بولىدىغانلىقىنى دىگەن ، تx مەن ئىلىپ بىرەلەيمەن ، بىر ھەپتە ئىچىدە پۇلۇڭلارنى قۇلۇڭلارغا يەتكۈزىمەن ، پۇلنى بەرمىسە ئۇنى قاماقخانىغا تىقىمەن ، بەرمەي باققىنىنى بىر كۆرەي ، مەن بۇ پۇلنى ئىلىپ بەرگەنلىكم ئۈچۈن ماڭا 5000 يۈەن بىرىسىلەر دەپ ، زىيانلانغۇچى xدىن بىر ئاي ئىچىدە ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ 4600 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلىپ ، خەجلەپ تۈگەتكەن ، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن 600 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
-5پاكىت: جاۋابكار تx زىيانلانغۇچى تx بىلەن ئىلگىرى تۇنۇشقاندا ئۆزىنى ساقچى دەپ تۇنۇشتۇرغان ، 2018-يىلى 8-ئاي مەزگىلىدە جاۋابكار تx زىيانلانغۇچى تxنىڭ ئاياق دۇكىنىغا كىرىپ ئاياق ئىلىش جەريانىدا ، تاxدىن شۇپۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ 2-تۇرىنى بىرىپ ئۆتەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلىپ ، تxقا مىنىڭ تۇنۇشلىرىم بار ، مەن ئامال قىلالايمەن ، بۇ ئىشقا يول ماڭىدىغانغا پۇل ۋە سوۋغا سالام لازىم بولىدۇ دەپ ، تxنىڭ 1700 يۈەن ۋە 400 يۈەن قىممتىدىكى تاماكا ، ئىچىملىك قاتارلىقلارنى ئالداپ ئېلىۋالغاندىن كىيىن ، پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن ، تاماكا ، ئىچىملىكىنى ئۆزى ئىستىمال قىلىپ تۈگەتكەن ، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن 100 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
-6پاكىت: 2019-يىلى 2-ئاي مەزگىلىدە جاۋابكار تx زىيانلانغۇچى مxغا ئۆزىنى كۇچا ناھيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ساقچىسى دەپ تۇنۇشتۇرغان ، زىيانلانغۇچى مx جاۋابكار تxغا ئۆزىنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ ، ** يىزا بازىرىدا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى ، شۇڭا بۇ ئىشقا ياردەم قىلىىشىنى دىگەن ، جاۋابكار تx ئۆزىنىڭ قانتاش ساقچى ئەتىرىتىدىكى ساقچىلار بىلەن كۆڭلۈم يىقىن ، پىراۋاڭلىنىڭ ئۆلتۈرۈپ كەتمەسلىكىگە يول ماڭايلى ، پىراۋاڭلار ئالتە ئاي ياكى بىر يىل ئىچىدە ئەسلىگە كىلىدۇ دەپ زىيانلانغۇچى مxدىن 9000 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئالغان ، 2019-يىلى 4-ئايدا مx ئىشنىڭ ھەل بولمىغانلىقىنى ، شۇڭا پۇلنى قايتۇرۇشنى دەپ تۇرىۋالغاندىن كىيىن ، 7000 يۈەن پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگەن ، قالغان 2000 يۈەن پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن ، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
7-پاكىت: 2019-يىلى 8-ئايدا جاۋابكار تx زىيانلانغۇچى يxكە ئۆزىنى كۇچا ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازىۋتكا چوڭ ئەتىرىتىدە ئىشلەيمەن دەپ تۇنۇشتۇرغان ۋە يxنىڭ بالىسى ئەxنى ھەربىيلىككە ماڭدۇرۇش ئۈچۈن يولىنى ماڭىمەن دەپ 10 مىڭ يۈەن تەلەپ قىلغان ، يx بانى ئېلىپ تۇرسىلا دەپ 1000 يۈەننى جاۋابكار تxغا بەرگەن ، تx پۇلنى ئالغاندىن كىيىن خەجلەپ تۈگەتكەن . دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .
جاۋابكار تx 2018-يىلى 8-ئايدىن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە ئاxقاتارلىق يەتتە نەپەر زىيانلانغۇچىلارنىڭ 48700 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئىلىۋالغان ، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن 38000 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلگەن ، 10700 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
دىمەك ، جاۋابكار ت xنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن كۆز بويامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.
يۇقارقى پاكىتنى ماددى ئىسپات ، يازما ئىسپات ، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ، زىيالانغۇچىنىڭ بايانى ، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ، تەكشۈرۈش ئېنىقلاش خاتىرسى ، نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرسى ، ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق ، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق بېكىتىشكە بولىدۇ . جاۋابكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق ، ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئوبرازى ۋە جەمىيئەتنىڭ نورمال باشقۇرۇش تەرتىپىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ، جاۋابكار تxنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 279-ماددا 2-تارماق ، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: گۈزەلنۇر ئەخمەت
2020-يىلى 08-ئاينىڭ 23-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1 .جاۋابكار تx ھازىر كۇچا ناھىيلىك قاماقخانىدا .
2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى ، 9 نۇسخا ئەيىبنامە ، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى ، دىلو بىلەن بىرگە يوللانغان بۇيۇملار تىزىملىكى ، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتىراپنامىسى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论