شىنجاڭ شىخو شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلەشنامىسى
ش.ش.ت.ئە.(2021) چىقىش 31–نومۇرلۇق
جاۋابكار د**، ئەر، ئۇيغۇر،19**-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغان، كىملىك نومۇرى: 654**، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىخوشەھەرلىك ج خ ئىدارسى ** ساقچىخانسىدا ، ھازىر شىخو شەھەرلىك ** تۇرۇشلۇق ،كەسپىسز.
جاۋابكار د** 2018-يىلى 08-ئاينىڭ 23-كۇنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۆتكۇزگەنلىكى ئۇچۇن ، شخو شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن ئون ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا قوشۇمچە 5000مىڭ يۇەن جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۇم قىلىنغان. 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۇنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۆتكۇزگەنلىكى ئۇچۇن ،بىلەن شخو شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن بىر يىل ئالتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلىنىپ، 3000 مىڭ يۇەن جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۇم قىلىنغان، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۇنى جازا مۇددىتى توشۇپ،قويۇپ بېرىلگەن.
جاۋابكار د** 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئشلار بىلەن توختۇتۇلۇپ،2020-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۇنى كىپىلگە بىرىلگەن.
شىخۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇ دېلونىڭ تەھقىقلەشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ جاۋابكار د**نى ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ قاراپ، 2021–يىلى01–ئاينىڭ11–كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلو ماتىرياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن،جاۋابكارغا قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى يەتكۈزدۇق،2021-يىلى 02-ئاينىڭ 02 -كۇنى دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا يەڭگىللىك بىرىش تۈزۈمى ۋە جىنايتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتىراپنامىسىنى يەتكۇزدۇق،جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ،دېلو ماتىرياللىرىنى ئومۇميۇزلۇك تەكشۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق جاۋابكار د**نىڭ جىنايەت پاكىتىنى تۆۋەندىكىدەك تۇراقلاندۇردۇق :
جاۋابكار د** 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۇنى سائەت 14 ئەتىراپىدا ئوغۇرلۇق قىلىش مەقستىدە ، زىيانلانغۇچى خ**نىڭ شىخو شەھەرلىك باسىخو يىزا **قورۇ ئالدىدا توختۇتۇپ قويغان،قارا رەڭلىك، باۋما X5 ماركىلىق ماشىنىسنىڭ دىرىزىسىنى چېقىپ،ماشىنا ئىچىدىكى 6000يۇەندىن ئارتۇق پۇل قاچىلانغان ئەرەنچە قول سومكىنى ئوغۇرلاپ كەتكەن.(3100يۇەن ئىگىسگە قايتقان. )
يۇقىرىدىكى جىنايەت پاكتىنى جاۋابكارنىڭ ئىقىرارى،زىيانلانغۇچنىڭ بايانى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،تۇتۇپ قېلىش-قايتۇرۇپ بېرىش تىزىملىكى،مال باھا ئىدارسىنىڭ باھالاش يەكۇنى،نەق مەيدان تەكشۇرۇش خاتىرىسى ۋە نەق مەيدان سۇرەتلىرى قاتارلىق دەللىل –ئىسپاتلار ئسپاتلايدۇ.
جاۋابكار د** جىنايتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغان، ھەمدە دىلونى تېز بىرتەرەپ قىلىشقا قوشۇلغان.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ:جاۋابكار د** قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقستدە، باشقىلارنىڭ 6000يۇەندىن ئارتۇق پۇلىنى ئوغۇرلاپ، ئىقتسادىي زىيان پەيدا قىلغان ھەرىكتى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددسىغا خىلاپ بولۇپ،ئوغۇرلۇق جىنايىتنى شەكىللەندۇرگەن. دېلونىڭ پاكىتى ئىنىق،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق. جاۋابكار د**تەكىرار جىنايەتچى ،شۇڭا« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا ،65-ماددا بەلگىلمسىگە ئاساسەن جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۇشتۇرۇشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ،‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە سوتىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق،قانۇن بويىچە جازا بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شىخۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە.
تەپتىش :مۇھەببەت خەمىت.
2021–يىلى02–ئاينىڭ 03–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار د** كېپىلگە بېرىلگەن،ھازىر ۋاقتىنچە شىخو شەھەرلىك كەسپي تەربىيلەش مەركىزىدە تۇرۇشلۇق.
2 . دىلۇ ماتىريالى 2 توپلام ، ئەيىپلەشنامە 8 پارچە ،ئاددي تەرتىپ قوللىنىش پىكىرى 1 پارچە،جازا ئۆلچەش پىكىرنامسى 1 پارچە،قاماش رەسميتى 1 پارچە بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论