欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(喀某某危险驾驶案)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                  ئۈ ش س ت 2-باشقارما [2020] يىللىق: 156- نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار ق**، ئەر، 1981-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، كىملىك نومۇرى: ********6531241981، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئادرىسى: شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايونى ** يولى **-نۇمۇر **-بىنا **-ئىشىك **-ئۆي، تۇتۇلۇشتىن بۇرۇن شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايونى**-قارار **-بىنا **-ئىشىك **-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايى قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، جاۋابكار ق**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 6–كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى جاۋابكارغا بارلىق دەۋا ھوقوقىنى، ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈردۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

1. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 02:02 لەردە، جاۋابكار ق**ھاراق ئىچىپ، مەسىت ھالەتتە 新A***** نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلىنى شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايونى داۋەن يولى مىرەن ئولتۇراق رايونى ئەتراپىدىن ھەيدەپ، ئىتتىپاق يولى 19-باشلانغۇچ مەكتەپ يول بۆلىكىگە كەلگەندە، قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدە 128 مىللىگرام ئىسپىرت ماددىسىنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغان.

2. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 23:44 لەردە، جاۋابكار ق **ئىلگىرى ھاراق ئىچىپ، مەس ھالەتتە ماشىنا ھەيدەپ، كېپىللىككە بېرىلگەن دەۋا مەزگىلىدە، يەنە ھاراق ئىچىپ، مەسىت ھالەتتە 新A***** نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايونى شەرقى ئايلانما تىز سۈرئەتلىك تاشيولىدا يۈرۈپ، يۆجىن كوچىسى چۈشۈش ئېغىزىغا كەلگەندە، قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدە 97 مىللىگرام ئىسپىرت ماددىسىنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغان.

يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى:

1)​ يازما ئىسپات: جاۋابكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، تۇتۇلۇش جەريانى، جاۋابكارنىڭ ئاپتوموبىل ۋە شوپۇرلۇق ئۇچۇرى، جاۋابكارنىڭ قېنىنى ئېلىپ تىزىملاش جەدىۋىلى ۋە ئەدلىيەلىك باھالاش ھاۋالەنامىسى، باھالاش پىكىرنامىسىنى ئۇقتۇرۇش قەغىزى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى؛

2)​ باھالاشنامە: شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات ئاكادىمىيىسى ئەدلىيىلىك تەكشۈرۈپ باھالاش مەركىزىنىڭ [2020] *****-، *****-نومۇرلۇق ئەدلىيىلىك باھالاشنامىسى؛

3)​ جاۋابكارنىڭ ئىقرارى؛

4)​ نەق مەيداندىن تارتىلغان سۈرەتلەر ۋە سىن ماتېرىيالى؛

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار ق**نىڭ دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، ھاراق ئىچىپ، مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدىگەن قانۇنسىز قىلمىشىدىن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇنى 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. شۇڭا جاۋابكارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلارغا ئەيىبلىدۇق. سىلەرنىڭ جاۋابكارنىڭ جىنايىتىگە قانۇن بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.

 ھۆرمەت بىلەن:

                         تەپتىش: گۈلباھار ئابدۇرېشىت

                     تەپتىش ياردەمچىسى: ئەزھەر ئەخمەت*

                      2020-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى

ئەسكەرتىش: 

1)​  جاۋابكار ھازىر كېپىلدە (***********). 

2)​  دېلو ماتېرىيالى 3 توپلام، ئەيىبنامە، جازا ئۆلچەش تەكلىپى قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.

3)​ جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىشنامە بىر نۇسخا يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top