欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(叶某某)(公开版)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاراماي شەھىرى

قاراماي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ق ر ت ج ئەيىبلەش [2020] 13–نومۇرلۇق

جاۋابكار ******* ، ئەر ، قازاق ، **19–يىلى 10-ئاينىڭ 12–كۈنى قاراماي شەھىرىدە تۇغۇلغان ، كىملىك نومۇرى ******65020519 ، تۇلۇقسز ئوتتۇرا مەلۇماتلىق ، كەسىپسىز ، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى****مەھەللىسى 14-بىنا 26-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق . 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇمانى بىلەن قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاراماي رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلۇپ ، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ قولغا ئېلىشنى تەستىقلىشى بىلەن ، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى مەزكۇر ئىدارە قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان .

مەزكۇر دېلونى قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاراماي رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، پۈتۈن دېلو ماتىرىيالى بىلەن 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى جاۋابكار *******نى ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى جاۋابكارنىڭ ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنى ئۇقتۇرۇپ ، جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سوئال سوراپ ، دېلونى بىر قېتىم ج خ ئىدارىسىنىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇرۇپ ، بارلىق دېلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق .

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : جاۋابكار ******* 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 16 لەر ئەتراپىدا،قاراماي شەھىرى قاراماي رايۇنى **** مەھەللىسى 25-بىنا 40-نومۇرلۇق 2-قەۋەتتىكى ئۆيگە يامىشىپ چىقىپ ، مىھمانخانا ئۆينىڭ دەرىزە ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىش رىشاتكىسىنى قايرىپ، ئۆي ئىچىگە كىرىپ ، ئۆي ئىچىدىن ئۈچ بوتۇلكا « فېي تىيەن ماۋتەي » ماركىلىق ئاق ھاراق ئوغرىلىغان. قىممىتى 9300 يۈەن.

جاۋابكار ******* 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 16 لەر ئەتراپىدا ،قاراماي شەھىرى قاراماي رايۇنى ****مەھەللىسى D2-بىنا 28-نومۇرلۇق ئىككىنجى قەۋەت ئۆيگە يامىشىپ چىقىپ، دەرىزە ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىش رىشاتكىسىنى قايرىپ ،دەرىزە سېتكىسىنى بۇزۇپ كىرىپ ، ھوجىرا ئۆي ئىچىدىن قارا يىپقا ئالتە دانە ئالتۇن مارجان ئۆتكۈزۈپ ياسالغان بىر دانە قول بىلەيزۈكى ، بىر دانە ئالتۇن ھالقا ئوغرىلىغان ، ئالتۇن بويۇملارنىڭ قىممىتى 530 يۈەن .

جاۋابكار ******* 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 11:30 لار ئەتراپىدا ، قاراماي شەھىرى قاراماي رايۇنى **** مەھەلىسى A6-بىنا 13-ئۆيگە ،ھۇجىرا ئۆي دەرىزىسىنى بۇزۇپ كىرىپ ، ئۆي ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقاپ قويۇپ ، ئۆي ئىچىنى ئاختۇرىۋاتقاندا ، ئۆيگە ئادەم كەلگەنلىكىنى بايقاپ ھېچ نەرسە ئوغرىلىيالماي چىقىپ كەتكەن .

يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى ماددىي ئىسپات ، يازما ئىسپات ، دىلو مەلۇم قىلىش ماتىرىياللىرى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، تونۇتۇش سۈرەتلىرى ۋە خاتىرىسى ، نەق مەيدان تىلكامىرا خاتىرىسى ، باھالاش پىكىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى : جاۋابكار ******* قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە ، يۇشۇرۇن ۋاستە قوللۇنۇپ ، باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كۆپ قېتىم ئوغرىلىق قىلىپ ، باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقتاردىكى مال-مۈلىكىنى ئوغرىلىغان ، قىلمىشىدىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 264-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق . شۇڭا جاۋابكار *******نىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلارغا ئەيىبلىدۇق ، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش : پەرمانجان ئەمەت

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى

قوشۇمچە :

1. جاۋابكار ******* ھازىر قاراماي شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .

2. ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسىدىن بىر پارچە ، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ئۈچ پارچە، ج خ ئۈچ توپلام 212 بەت،ئايرىم تۆت پارچە 13 بەت دېلو ماتىرىيالى ، تۆت دانە نۇر دېسكىسى بىرگە ئەۋەتىلدى .

3.مەزكۇر دېلودا گۇۋاھچىلارنىڭ سوتقا كىلىپ گۇۋاھلىق بېرىش زۆرۈرىيىتى يوق .

 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top