ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ت ت 1-ب ج ئە﹝2020﹞154–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار گۈزەلئاي تۇرغۇن، ئايال، ئۇيغۇر، 1999-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى شىنجاڭ *** شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6501061999، مەخسۇس كۇرۇس مەلۇماتلىق، ئۈرۈمچى شەھىرى **** شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ۋە دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى تۇدۇڭخابا رايۇنى ****يولى ***-نۇمۇر *** ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا *-ئىشىك ***-نۇمۇرلۇق ئۆي. 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ سەنپېڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايۇنلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق قىلمىشى بىلەن مەمۇرى جەھەتتىن 9 كۈن توختىتىش جازاسى بېرىلگەن. 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاراماي رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق قىلمىشى بىلەن مەمۇرى جەھەتتىن 13 كۈن توختىتىش جازاسى بېرىلگەن. 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تۇدۇڭخابا رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك سەككىز ئايلىق قاماق جازاسى بىرىپ، ئىككى مىڭ يۈەن شىتىراپ قويۇشقا ھۆكۈم قىلىنىپ، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن. ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن تۇرالغۇ جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى مەھكىمىمىز ئالدامچلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار گۈزەلئاي تۇرغۇننىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2019-يىلى 7–ئاينىڭ 13-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. ئارىلىقتا دېلونىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش سۈرىكىنى قانۇن بويىچە بىر قېتىم ئۇزارتتۇق(2020-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە).
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، جاۋابكار گۈزەلئاي تۇرغۇن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى غو****(يانفون سودىگىرى)قا ئۆزىنى ساقچى دەپ تۇنۇشتۇرۇپ، ئىدارىسىدىن بىر تۇتاش يانفون سېتىۋېلىشنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، يانفون سېتىۋالغان پۇلنى ئىدارىسىدىن ئاتچوت قىلىپ بىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، غو****تىن 47529.00 يۈەن قىممىتىدىكى ھەر خىل تىپتىكى 20 دانە يانفوننى 44600.00 يۈەنگە سېتىۋېلىشنى پۈتۈشكەندىن كىيىن، شۇ كۈنى كەچتە شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايۇنى شىنخۇا شىمالى يولى شىياۋشىمىن ئاپتوبۇس بىكىتىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى غو**** بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ 20 دانە يانفوننى ئېلىپ كەتكەن. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى، جاۋابكار گۈزەلئاي تۇرغۇن ئالداپ ئالغان 20 دانە يانفوننىڭ ئىچىدىكى 16 دانە يانفوننى باشقىلارغا 16000.00 يۈەنگە سېتىۋىتىپ قالغان 4 دانە يانفوننى ئۆزى ئېلىپ قالغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى غو**** جاۋابكار گۈزەلئاي تۇرغۇندىن يانفون سېتىۋالغان پۇلنى بىرىشنى سۈيلىگەندە، گۈزەلئاي تۇرغۇن 16 دانە يانفوننى سېتىپ ئېرىشكەن پۇلدىن 4600.00 يۈەننى غو****قا ئۈندىدار ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ بىرىپ، قالغان پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
جاۋابكار گۈزەلئاي تۇرغۇن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچ سائەت 6 يېرىملار ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى تۇدۇڭخابا رايونى **** شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايۇنىدا تەھقىقلىگۈچى ئورگان تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
دېلو پاش بولغاندىن كىيىن، جاۋابكار گۈزەلئاي تۇرغۇن ئالداپ ئېلىۋالغان 46629.00 يۈەن قىممىتىدىكى 19 دانە يانفون قانۇن بويىچە تۇتۇپ قېلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇپ بىرىلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار گۈزەلئاي تۇرغۇننىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، تۇتۇلۇش جەريانى ئىسپاتى، ئۈندىدار سۆزلىشىش خاتىرىسى ۋە پۇل ئاغدۇرۇش خاتىرىسى قاتارلىقلار؛
2. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى غو****تىن ئېلىنغان گەپ سوراش خاتىرىسى ۋە تونۇتۇش خاتىرىسى؛
3. گۇۋاھچى خۇاڭ**نىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛
4. جاۋابكار گۈزەلئاي تۇرغۇننىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
5. دېلوغا چېتىشلىق بويۇملارنىڭ قىممىتىنى باھالاش پىكرى؛
6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: دېلوغا چېتىشلىق بويۇملارنى تۇتۇپ قېلىش، قايتۇرۇش تىزىملىكى، نەق مەيدان ۋە ماددى ئىسپاتنى تونۇتۇش سۆرەتلىرى، جاۋابكار گۈزەلئاي تۇرغۇننىڭ ئىلگىرى جازالانغانلىقى توغرىسىدىكى ئىسپات ماتىرىياللار؛
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار گۈزەلئاي تۇرغۇننىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، شۇنداقلا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار گۈزەلئاي تۇرغۇننىڭ ساختا پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىپ باشقىلارنى ئالداپ، شەخسلەرنىڭ كۆپرەك سوممىدىكى مال-مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار گۈزەلئاي تۇرغۇن ئىلگىرى جىنايەت سادىر قىلىپ مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كىيىنكى بەش يىل ئىچىدە يەنە قايتا مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى جازا بېرىلىدىغان جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 65-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئېغىر جازا بېرىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: قۇددۇس قاسىم
تەپتىش ياردەمچىسى: سەمىجان سەمەت
2020–يىلى 8–ئاينىڭ 28–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار گۈ* ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-قاماقخانىدا قاماقتا.
2. مەھكىمىمىزنىڭ سەككىز نۇسخا ئەيىبنامىسى ۋە تەھقىقلەش دىلو ماتىرىيالى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.
3. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى(ئەسلى نۇسخسى)، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش پىكىرنامىسى ۋە جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论