欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(依某某等二人)

2021-09-19 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى

غۇلجا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                 غ ن ت 1- بۆلۈم ئەيىپلەش[2020] 248-نومۇرلۇق

1.جاۋاپكار ئى**، ئەر، ئۇيغۇر، ****-يىلى**- ئاينىڭ**-كۇنى تۇغۇلغان، 26 ياش، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، كىملىك نۇمۇرى:654121********4291، نوپۇسى ھەم ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: غ ن ** يىزا ** كەنت **-گۇرۇپپا، ئىلگىرى جازالانمىغان .                                                                                                                               

  2020-يىلى5-ئاينىڭ20-كۇنى غۇلجا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن بىكىتىلگەن تۇرار جايىدا نازارەت ئاستىغا ئىلىش تەدبىرى قوللىنىلغان، 2020-يىلى8-ئاينىڭ30-كۇنى غۇلجا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، 2020- يىلى10-ئاينىڭ04-كۈنى غ ن خەلق تەپتىش مەھكىمسى تەرىپىدىن قولغا ئىلىش قارار قىلىنغان. 2020-يىلى10-ئاينىڭ 5-كۈنى غۇلجا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان. ھازىر غ ن قاماقخانىسىدا قاماقتا. 

 2. جاۋاپكار ئە**، ئەر، ئۇيغۇر، ****-يىلى**- ئاينىڭ**-كۇنى تۇغۇلغان، 26 ياش، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، كىملىك نۇمۇرى: 654121********4295، نوپۇسى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: غ ن ** يىزا **كەنت **-گۇرۇپپا، ئىلگىرى جازالانمىغان.                                                                                                                             

  2020-يىلى5-ئاينىڭ20-كۇنى غۇلجا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن بىكىتىلگەن تۇرار جايىدا نازارەت ئاستىغا ئىلىش تەدبىرى قوللىنىلغان، 2020-يىلى8-ئاينىڭ30-كۇنى غۇلجا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، 2020- يىلى10-ئاينىڭ04-كۈنى غ ن خەلق تەپتىش مەھكىمسى تەرىپىدىن قولغا ئىلىش قارار قىلىنغان. 2020-يىلى10-ئاينىڭ 5-كۈنى غۇلجا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان. ھازىر غ ن قاماقخانىسىدا قاماقتا. 

بۇ دېلونى غۇلجا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى11-ئاينىڭ30-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئىلىپ، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق، دېلودا بار بولغان جىنايى پاكىتنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، دېلو تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە:

1. 2020-يىلى5-ئاينىڭ16-كۈنى جاۋاپكار ئى** بىلەن ئە** ئىككسى ئوغۇرلۇق قىلىشنى مەسلىھەتلىشىپ، ئە** تاغدىن مال ئوغۇرلايدىغان، ئى** ماشىنا تاپىدىغان بولۇپ كىلىشىپ، ئە** مازار يىزا تار كەنىتنىڭ كۆكلەۋ ئورنىغا چىقىپ، زىيانلانغۇچى پ**نىڭ 22000 يۇەن قىممىتىدىكى ئىككى تۇياق كالىسىنى ئوغۇرلاپ ھەيدەپ چۈشكەن. ئى** غۇلجا شەھەردىن كىرا قىلىش ئۈچۈن ئىلىپ چىققان ئا** دىگەن بالىنىڭ ۋىيشىڭ ماشىنىغا بىسىپ غۇلجا شەھەرگە ئىلىپ كىرىپ، م** دىگەن ئادەمگە 12500 يۇەنگە سىتىپ 8000 يۇەننى ئىلىپ قالغان پۇلى قالغان ھەم ئالغان 8000 يۇەننى بۆلىشىپ خەجلىۋەتكەن. زىيان ئەسلىگە قايتتى. 

  2. 2020-يىلى10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۇنى جاۋاپكار ئى** بىلەن ئە** ئىككسى ئوغۇرلۇق قىلىشنى مەسلەھەتلىشىپ، ئە** مالنى ئوغۇرلاپ تەييار قىلىپ تۇردىغان ئى** مالنى بىسىپ ماڭدىغان ماشىنا تاپىدىغان بولۇپ كىلىشىپ، ئە** مازاريىزا تارا كەنىتتىكى ن** دىگەن ئادەمنىڭ بىغىدىن زىيانلانغۇچى ئى**نىڭ، 23000 يۇەن قىممتىدىكى ئىككى تۇياق كالىسىنى ئوغۇرلاپ، ئى** غۇلجا شەھەردىن كىرا قىلىش ئۈچۈن ئىلىپ چىققان ئا** دىگەن بالىنىڭ ۋىيشىڭ ماشىنىغا بىسىپ، غۇلجا شەھەرگە ئىلىپ كىرىپ م** دىگەن ئادەمگە 5000 يۇەنگە سىتىپ پۇلدىن ئورتاق پايدىلانغان، زىيان ئەسلىگە كەلمىدى. 

3. 2020-يىلى3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۇنى جاۋاپكار ئى** بىلەن ئە** ئىككسى ئوغۇرلۇق قىلىشنى مەسلەھەتلىشىپ، مازار يىزا تارا كەنىتنىڭ كۆكلەۋ ئورنىغا چىقىپ، شۇ يەردىكى ئوتلاۋاتقان قويلار ئارسىدىن زىيانلانغۇچى ت**نىڭ 6200 يۇەن قىممىتىدىكى يەتتە تۇياق قوينى ئوغۇرلاپ، غۇلجا شەھەر پەنجىم يىزىلىق ئى** دىگەن بالىغا 5000 يۇەنگە سىتىپ، بۇ پۇلدىن ئورتاق پايدىلانغان، زىيان ئەسلىگە كەلمىدى.  

يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1.يازما ئىسپات؛

2.زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى؛

3.گۇۋاھچىنىڭ بايانى؛

4.باھالاشنامە؛

5.جاۋاپكارلارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

  مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ:

جاۋاپكار ئى**، ئە**نىڭ بىرلىشىپ قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە جەمئىي 3قىتىم ئوغۇرلۇق سادىر قىلىپ شەخىسلەرگە 51200يۈەن زىيان سالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددا، 25-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چىتىشلىق. جاۋاپكارلارنىڭ ئوغۇرلۇق سوممىسىنىڭ مىقتارى ناھايىتى كۆپ. جاۋاپكارلار كۆپ قىتىم دىلۇ سادىر قىلغان بولۇپ، ئىغىرلىتىپ جازالاشقا تىگىشلىك. جاۋاپكارلار دىلۇ پاش بولغاندىن كىيىن جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان بولۇپ، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، يىنىك بىر تەرەپ قىلىشقا تىگىشلىك. بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست. شۇڭا جاۋاپكار ئى**، ئە**گە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددا، 25-ماددا، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە، جازا بىرىشىڭلارنى سوراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا بىرىشىڭلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن

             غۇلجا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

                           تەپتىش: ئىبراھىم، ئەسئەت    

 2020-يىلى12-ئاينىڭ30-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1.جاۋاپكارلار قولغا ئىلىنغان، ھازىر غۇلجا ناھىيە قاماقخانىدا قاماقتا.

2. توپلام دېلو بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار كۆپەيتىلمىسى قوشۇپ يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top