欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(依某某涉嫌危险驾驶罪)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

                             ك ش ت ج ئەيىپلەش (2020) 1317-نۇمۇرلۇق         

جاۋاپكار ئىxx،ئەر،1975-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۇنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: xxxxxx6528231975،ئۇيغۇر،ئوتتۇرا تىخنىكوم مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،يەككە تىجارەتچى،نۇپۇس  تۇرۇشلۇق ئورنى:شىنجاڭxx ناھىيە xx بازىرى xx كەنىت xx كوچىسى x-ئۆي،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى:شىنجاڭ xx ناھىيە xx بازىرى x xئولتۇراق رايۇنى x-بىنا x-كورپۇس xxx-ئۆي.بۇرۇن جازالانمىغان.2020-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن .

كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئىxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن،جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق،ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق.جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ،بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 23:00لەر ئەتراپىدا،جاۋاپكار ئىxx ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە،M8xxxx نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ،كورلا شەھەر xx يېزا xx  كەنىت x-گۇرۇپ يول بۆلىكىگە كەلگەندە،مەشغۇلات توغرا بولماي ماشىنا كونتىروللىقىنى يوقىتىپ،يول بۆلىكىدىكى ئىستولبىغا سوقۇلغان.نەتىجىدە ئىستولبا بىلەن قاتناش ۋاستىللىرىنىڭ بۇزۇلىشىدەك قاتناش ۋەقەسى سادىر بولغان.

شىنجاڭxx ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ( 2020 )xxxx-نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتورىيەلىك تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا،جاۋاپكار ئىxxنىڭ ھەر يۈز مىللىلېتىر قان سۇيۇقلىقىدا 277.20مىللىگىرام ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ يەكۈن چىقارغان.

كورلا شەھەرلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ (2019)xxxxx-نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسىدا ئىxx بۇ قىتىمقى قاتناش ھادىسىدە پۈتۈن مەسئولىيەتنى ئۇستىگە ئالىدۇ دەپ بېكىتكەن.

جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى،باھالاشنامە،ئېنىقلاش تەكشۇرۇش خاتىرىسى ۋە سۇرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ.جاۋابكار ئىxxئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى،جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ :جاۋاپكار ئىxxنىڭ قاتناش-ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇننىڭ 2-تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.جاۋاپكار ئىxx جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئىتراپ قىلغان بۇلۇپ «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا بۇلىدۇ.شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،جاۋاپكار  ئىxxنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن : 

                        كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە          

                                       

                                           تەپتىش :ھاۋاگۈل توختى

                                       2020-يىلى12-ئاينىڭ 27-كۈنى  

ئەسكەرتىش : 

(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.  

(2) جاۋاپكاربىرتەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بىرىلگەن.

(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش تىلخېتى بىر نۇسخا

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top