欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(亚某某交通肇事案)

2021-09-24 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                               ك ت جىنايى ئىشلار 1- بۈلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2020)735-نومۇرلۇق

كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار يx،ئەر،ئويغۇر، 1978–يىلى**- ئاينىڭ**- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6529231978*********،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان،شىنجاڭ كۇچا ناھىيىسىدىن،ھازىرقى ئولتۇرغى ۋە نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادېرىسى:شىنجاڭ كۇچا ناھىيە **** يېزا **** كەنت**-گۇرۇپ**-نۇمۇرلۇق قورو، ئىلگىرى جازالانمىغان.

قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن،2020- يىلى2- ئاينىڭ 5-كۈنى كۇچا ناھىيىلىك ج خ  ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن،2020-يىلى 7-ئاينىڭ1-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا كاپالەتچىگە بېرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە كاپالەتچىدە.    

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 254-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار يxنىڭ قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايى دىلوسىنى 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ « جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۇنى جاۋابكارغا ئاقىلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىشقا  قۇشۇلدى، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن دىلودىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

جاۋابكار يx2019-يىلى12-ئاينىڭ25-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى23:20ئۆتكەندە، ئۆزىنىڭ新N***-نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى يۇلۇچىلار ماشىنسنى كۇچا ناھىيە ***-لىنىيەدە **** قاراپ ھەيدەپ كىتۋىتپ 04كىلومېتىر200مېتىرلىق ئورۇنغا كەلگەندە ****قاراپ مەسىت ھالەتتە پىيادە كىتىۋاتقان ئاxنى سۇقىۋەتكەن نەتىجىدە ئاxىنىڭ دوختۇرخاندا قۇتقۇزۇش ئۇنۈم بەرمەي ئۇلۇپ كىتىشى،بىر قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزۇلۇشدەك يول قاتناش ھادىسى كىلىپ چىققان.

كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى (2019)229-نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى جەسەت تەكشۈرۈش باھالاش پىكرىدە :ئاxنىڭ ئۈلۈش سەۋەبى غايەت زور سىرىتقى كۈچنىڭ تەسىرىدىن باش قىسمى يېپىق خارەكتىرلىك زەخمىلىنىپ ئۆلگەن دەپ يەكۈن چىقارغان.

كۇچا ناھيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ 〔2019〕274-نومۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسىدا: يx يۇقارقى ھادىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئاx يۇقارقى ھادىسىدىكى قۇشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بېكىتكەن.

 يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،باھالاشنامە، ئېنىقلاپ-تەكشۈرۈش خاتىرسى،ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار  ئىسپاتلايدۇ .

دىمەك،جاۋابكار يxنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق ، دەلىل- ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق  بېكىتىشكە بولىدۇ,جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۇزدىغان جىنايى ھەركەتلەرگە زەربە بېرىپ، قاتناش-تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر،راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار ياسىن مىجىتنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 133-ماددا 1-تارماق ، 67-ماددا 1-تارماقتىكى بەلگىلىمىسى بويىچە, جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەپ ،«جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. 

ھۆرمەت بىلەن: 

                             تەپتىش: ئەنۋەر ئەخمەت

                        2020- يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1 .جاۋابكار يxائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن ، ھازىر ئائىلىسىدە . 

2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە ، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ، ئاددى قوللىنىش تەكلىپنامىسى،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى . 

3. قۇشۇمچە ھەق-تەلەپ ئەرزى يوق .      

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top