توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
تۇقسۇ تەپتىش جىنايى ئىشلار 1-بۇلۇم ئەيىپلىمەسلىك (2019)10– نۇمۇرلۇق
ئەيىپلەنمىگۇچى ئە**، ئەر، ئۇيغۇر، **ياش (**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان) كىملىك نومۇرى: 0051** 652925 ، ماسسا، ئالى تېخنىكوم مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى: ** ناھىيە ** يېزا ** شىپاخانىنىڭ ئىشچىسى، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادىرسى ۋە ئۇلتۇرغى: ** ناھىيە ** بازار ** رايۇنى **-بىنا **-كۇرپۇس **-نۇمۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
زىيانلانغۇچى غ** (ئۈلۇپ كەتكەن)، ئەر، ئۇيغۇر، **59ياش (**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان) كىملىك نۇمىرى،0715** 652925 ، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئۇرۇن ۋە ئۇلتۇرغى: ** ناھىيە ** يېزا ** كەنت **-گۇرۇپ، ھادىسىدە پىيادە ماڭغۇچى
بۇ دېلونى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىپلەنمىگۇچى ئە**نى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى (2020) 64-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكى پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:
ئە** 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 20 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەن ئەتراپتا، توقسۇ ناھىيە تامتوغراق يېزا تامتوغراق شىپاخانىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى نۇمۇرتاختىسى يوق جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەپ، توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار جەنۇبى مەرھابا يۇلىدا شىمالدىن جەنۇپقا يۆلىنىش بۇيىچە يول يۈرۈپ توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار جەنۇبى مەرھابا يۇلى بىلەن جەنۇبى شەھەر تاشقى ئايلانغا يۇنىڭ كىسىشكەن ئېغىزىغا 200مىتىر قالغان ئورۇنغا كەلگەندە، غەرىپتىن شەرىققە يۆلىنىش بۇيىچە يول يۈرۋاتقان غ** بىلەن سۇقۇلۇپ غۇپۇر ھۇشۇر يارلانغان، نەتىجىدە غ** 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى توقسۇ ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان، قاتناش ۋاستىسىدا ئىقتىسادىي زىيان كۈرۈلگەن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان ئە** سوراقتا ئۆزىنىڭ جىنايەت قىلمىشىنى تولۇق تاپشۇرغان.
توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى ئەتىرىتىنىڭ قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدا، ئە** ئاساسلىق مەسئۇلىيەت جاۋابكارلىقىنى ئۈسىتگە ئالىدۇ، غۇپۇر ھۇشۇر قۇشۇمچە مەسئۇلىيەت جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ مەسئۇلىيەت بېكىتكەن.
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019)2987-نۇمۇرلۇق ئەدلىيىلىك باھالاشنامىسىدا: نۇمۇر تاختىسى يۇق فۇتىيەن ماركىلىق قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ يۇل قاتناش ھادىسىسى يۇز بەرگەندىكى پەيىتلىك سۇرئىتى 56 كىلۇمىتىر سائەت دەپ باھالىغان.
تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن دۇختۇرىنىڭ (2019) 57-نۇمۇرلۇق جەسەت تەكشۇرۇش دوكىلاتىدا: ئۆلگۇچى غ** ئېغىر دەرىجىدىكى مىڭڭە سۇقۇلۇش زەخمىسى تەسىرىدىن مىڭڭە سۇڭىكى زەخمىلىنىپ ئىچىگە قاناپ مىڭڭە زەخمىلەنگەن، ئۇپراتسىيىدىن كىيىن مىڭڭە قان تۇمۇر تۇسۇلۇپ ئېغىر دەرىجىدىكى ھۇشسىز ھالەتكە ئوتكەن، بۇنىڭ تەسىرىدە ئېغىر دەرىجىدىكى ئوپكە ياللۇقى ۋە ئەزالار سېستىمىسى قالايمىقانلىشىپ كوپ ئەزا (يۇرەك، ئوپكە، مىڭڭە، بۇرەك) ئىقتىدارى ئاجىزلاپ ئولگەن دەپ باھالىغان.
ھەق تەلەپ قىسمىدا كىلىشىپ تۇگەشكەن، ھۇكۇمەت گۇۋاھلىقتىن ئوتكۇزگەن.
مەھكىممىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئە**نىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش باشقۇرۇش توغىرىسىدىكى بەلگىلمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ، بىر ئادەمنىڭ ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەم ھادىسىدە ئاساسلىق مەسئولىيەتنى ئۇستىگە ئالغان قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسى جىنايىتى شەكىلىندۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا، 67-ماددا 3-تارماقتىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. بىراق ئە**نىڭ قىلمىشى كۆرۈنەرلىك يىنىك، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، قىلمىشىغا ھەقىقىي توۋا قىلىپ، جىنايىتىنى ئەينەن تاپشۇرغان، دىلونىڭ ھەق تەلەپ قىسمىدا ئۈلگۈچى تەرەپ ئائىلىسى بىلەن كىلىشىپ، كىلشىم ئىجرا قىلىنىپ تۈگۈشۈپ، ئۆلگۈچىنىڭ تۇققانلىرى ئە** ئۈستىدىن ھەق-تەلەپ داۋاسى قىلمايدىغانلىقىنى، ئۇنى كەچۈرگەنلكىكىنى، ئۇنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرغا قويغان ج خ ئىدارىسىمۇ ئەيىبلەنمىگۈچى ئە**نى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرغا قويغان، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددا 2-تارماق، 290-ماددسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئە**نى ئەيىپلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق.
توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، ئەيىبلىمەسلىك قارارىدا خاتالىق بار دەپ قارىسا مەھكىممىزنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ، پىكرى قۇبۇل قىلىنمىسا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ قايتا قاراپ چىقىشغا سۇنسا بولىدۇ.
ئەيىپلەنمىگۇچى بۇ قارارغا قايىل بۇلمىسا، مۇشۇ قارارنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرزى بەرسە بۇلىدۇ.
زىيانلانغۇچى بۇ قاراغا قايىل بۇلمىسا، مۇشۇ قارارنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرزى بىرىپ ئەيىپلەشنى تەلەپ قىلسا، ياكى ئىلتىماس ئەرزى بەرمەي تۇقسۇ ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە دەۋا قىلسا بۇلىدۇ.
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论