欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(帕某某危险驾驶案)

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 

كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك  قارارنامىسى

ك ت ئەيىبلىمەسلىك  〔2020〕 41- نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى پx ، ئەر ، ئويغۇر ،1993-يىلى***-ئاينىڭ ***-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6529231993******،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان،يۇرتى: شىنجاڭ كۇچا ناھىيىسى،ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى : كۇچا ناھىيە ئوچا بازىرى*** يۇلى ***-نۇمۇر ***-بېنا **-كۇرپۇس ***-نۇمۇرلۇق ئۆي ، ئىلگىرى جازالانمىغان .

خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ، 2020-يىلى 05-ئاينىڭ 08-كۈنى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن  ، ھازىر ئائىلىسىدە . 

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2020〕347-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق يوللىغان ئەيىبلەنمىگۈچى پxنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايى دېلوسىنى2020-يىلى9- ئاينىڭ 20-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە ئەيىبلەنمىگۈچىغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق،دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

ئەيىبلەنمىگۈچى پx 2020-يىلى05-ئاينىڭ 02-كۈنى كەچ سائەت 12:00 ئەتىراپىدا، كۇچا شەھەر*** ئولتۇراق رايونى ئەتراپىدىكى*** ئوx بىلەن رxقاتارلىق ئۈچەيلەن بىرگە ھاراق ئىچپ ،ئەتىسى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 00:30 سورۇندىن قايتىپ ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن كىرا ماشىندىن بىرنى تۇسۇپ 5-ئولتۇراق رايونىنىڭ ئالدىدا ماشىندىن چۈشۈۋېلىپ 5-ئولتۇراق رايونىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان ئۆزىنىڭ新M****** نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئولتۇراق رايونىغا كىرىش ئۈچۈن ماشىنىسىنى كەينىگە ياندۇرۇش جەريانىدا كەينى تەرەپتىكى ماشىنىنىڭ ئالدىنى سۇقۇپ قويغاندىن كىيىن新M******* نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ 5-ئولتۇراق رايونىنىڭ خەلىققە قولايلىق پونكىتىنىڭ قىشىدىكى بىر تاللا بازىرىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ توختۇتۇپ قۇيۇپ ماشىندا ئۇخلاپ قالغان،كېيىن ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان .

 شىنجاڭ قاتناش پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ ئەدىليىلىك باھالاشنامىسىدە ، پە***نىڭ ۋىنا قان تۇمىرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى ھەر 100 مىللىلىتىردا 85 مىللىگىرام دەپ باھالانغان .

ئەيىبلەنمىگۈچى پxنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللەنسىمۇ،تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغانلىقى،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلىقى،قىلمىشىغا تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بارلىقى،قىلمىشى يىنىك ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177- ماددا2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن نىسپىي ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق. 

ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرىز سۇنسا بولىدۇ. 

زىيانلانغۇچى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقۇرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرىز  سۇنسا بولىدۇ . 

كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە مەمۇرى جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ . 

كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىسى         

    2020-يىلى 10- ئاينىڭ 8- كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top