شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
پوسكام ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
پ، ت، 1-بۆلۈم ج، ئى ئەيىبلىمەسلىك (2020) 6-نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى مەXXX، ئەر، ئۇيغۇر ، XX19-يىلىXX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى :XXXXXXX XXX65312419 ، تولۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئىشسىز، ھازىر پوسكام ناھىيە XXبازار XXئىجىتمائى رايۇن XX-مەھەللە XXX-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ، ئىلگىرى جازالانمىغان.ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چىتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۇنى پوسكام ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە توختىتىلغان، مال-مۈلۈكنى قەستەن ۋەيران قىلىش جىنايىتى بىلەن 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.
پوسكام ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى مەXXXنىڭ مال-مۈلۈكنى قەستەن ۋەيران قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى (2019) 476-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلىپ ئەيىبلەنمىگۈچىىگە ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلسا ئىلىپ كىلىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە قانۇن دۈجۈرنى ئادۋوكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دەلىل-ئىسپات تولۇقلاش زۆرۈريىتى بىلەن دىلونى ئىككى قىتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق، باش تەپتىشنىڭ تەستىقى بىلەن دىلو بىجىرىش سۈركىنى 15 كۈن ئۇزارتتۇق، ھازىر بارلىق دېلۇ ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردۇق.
پوسكام ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەكشۈرۈپ بىكىتكەن جىنايى پاكىتلار تۆۋەندىكىچە :
ئەيىبلەنمىگۈچى مەXXX 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى پوسكام ناھىيە XX يىزىسىنىڭ ئالدىدا ئىككى بوتۇلكا ئاق ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، پوسكام ناھىيە XXبازار XXX كەچلىك بازارغا كىلىپ ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە كەچلىك بازارنىڭ ئىككىنجى قەۋەتتىكى ئىشىكى ئىتىكلىك يازونىڭ ئىشكىنى تىپىپ ئىچىپ، يازونىڭ ئىچىگە كىرىپ ئوغۇرلىغىدەك بىرنەرسە تاپالماي يىنىپ چىقىپ، كەچلىك بازارنىڭ يان تەرىپىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانغا بىرىپ، ماشىنا ئىچىدىن بىرنەرسە ئوغۇرلاش مەقستىدە زىيانلانغۇچى ۋاڭXXXنىڭ قارا رەڭلىك، QM1XXX 新 نۇمۇرلۇقماشىنىسنڭ ئىشكنى تارتقاندىن كىيىن ماشىننىڭ ئىشكى ئىچىلغان، ئەيىبلەنمىگۈچى مەXXX ماشىننىڭ ئىچىدە ماشىننىڭ ئاچقۇچى بارلىقىنىكۆرۈپ ماشىننى قوزغۇتۇپ ماشىننى ھەيدەپ پوسكام ناھىيەXXXيىزا XXكەنتىدىكى XXكەننىتىگە ئاپىرىمەن دەپ ماشىننى ھەيدەپ ئورمانغا ئىگىلىدىغان ۋاقىتتا مەس ھالەتتە توغرا يولنى كۆرەلمەي، ماشىننى تورمۇزلىيالماي ماشىنا ياڭاقلىق ئورمان بەلبىغا كىرىپ كىتىپ بىرتۈپ ياڭاق، ئىككى تال سىتولبىغا ئۈستۈرۈپ ماشىننى بۇزىۋىتىپ قىچىپ كەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىين زىيانلانغۇچى ۋاڭ XXXنىڭ قارا رەڭلىك ماشىنىسى ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، زىيانلانغۇچىغا 12600يۈەن زىيان ئىلىپ كەلگەن.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئەيىبلەنمىگۈچى مەXXXنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 275-ماددىسىدىكى مال-مۈلكىنى قەستەن ۋەيران قىلۋىتىش جىنايىتى دىلوسنى ئىككى قىتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرغان بولساقمۇ، مەھكىمىمىز يەنىلا پوسكام ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ بىكىتكەن جىنايى پاكىتىنى ئىنىق ئەمەس، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ئەمەس، ئەيىبلەش شەرتىگە توشمايدۇ، دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 175-ماددا 4-تارماقنىڭ بەلگىمىسى بويىچە مەXXXنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.
ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارنامىگە قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرىز قىلسا بولىدۇ.
پوسكام ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 23–كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论