شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ت ئە 1-بۆلۈم (2020)47 – نومۇرلۇق ؛
ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئەX، ئەر، ئۇيغۇر، ****–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 4074********650102، ئۇيغۇر، ئالىي تېخنىكوم مەلۇماتلىق ، خىزمەت ئورنى: يوق ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايونى جۇڭچۈەن كوچىسى **-نۇمۇر **-بىنا **-زال **-ئۆي. ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى : ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايونى ۋېيخۇلىياڭ تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي **-بىنا **-زال **-ئۆي. 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 2 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، قوشۇمچە 3000 يۈەن شىتراف قويۇش جازاسى بېرىلگەن. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ - سېتىشقا چېتىلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى مەھكىمىمىز قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2020– يىلى 4–ئاينىڭ 22–كۈنى جاۋابكار ئەX نىڭ زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ–سېتىش دىلوسىنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
2020-يىلى 1- ئاينىڭ 20- كۈنى سائەت 13لار ئەتراپىدا، جاۋابكار ئەX ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايونى خۇۋاگۇاڭ كوچىسى ئەتراپىدا ئا x كە 1تا تابلىتكا سىمان 0.07 گىرام دۆلەت تەرىپىدىن تىزگىلىنىدىغان 1- تۈركۈمدىكى روھىي كېسەللىك دورىسى ساففىي (丁丙诺啡) نى 150 يۈەنگە ساتقان نەق مەيداندا ج خ خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان،كېيىن ج خ خادىملىرى جاۋابكار ئەX نىڭ ئولتۇرۇپ كەلگەن كۆك رەڭلىك فورت ماركىلىق ماشىنىنىڭ ئالدى ئوڭ تەرەپ ئۇرۇندۇقنىڭ ئاستىغا تاشلىۋەتكەن 4 تال تابلىتكا سىمان 0.28 گىرام ساففىي (丁丙诺啡) نى قولغا چۈشۈرگەن.
يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل–ئىسپاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ .
1. ماددى ئىسپات: 1 دانە يانفۇن، 2 دانە دېسكا ؛
2. يازما ئىسپات :جاۋابكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، تۇتۇش جەريانى. ئاختۇرۇش خاتىرىسى، ج خ ئورگىنىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇمنى تۇتۇپ قىلىش ئۆتكۈزۈپ بىرىش تالونى، دىلوغا مۇناسىۋەتلىك دەلىل–ئىسپاتنى تۇتۇپ قىلىش، ئۆتكۈزۈپ بىرىش تالۇنى، ئەۋرىشكە ئېلىش خاتىرىسى، ئېغىرلىق ئۆلچەش خاتىرىسى ، مۇناسىۋەتلىك رەسىملىك كۆرۈنۈش، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى قاتارلىق يازمىچە ئىسپاتلار؛
3. گۇۋاھچى ئاx ،ئۆ x نىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛
4. جاۋابكار ئەX نىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش سۆزى .
5. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بۇيۇمنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇمنى ئانالىز قىلىش تەكشۈرۈش دوكلاتى، ئۇقتۇرۇشنامىسى .
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋابكار ئەX دۆلىتىمىزنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم باشقۇرۇش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ دۆلەت تەرىپىدىن تىزگىنلىنىدىغان1-تۈركۈمدىكى روھىي كېسەل دورىسىنى ئېلىپ-ساتقان قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 347- ماددىسى 1-تارمىقى 4-تارمىقىدىكى زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ - سېتىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن. جىنايى پاكىتى ئېنىق ، دەلىل– ئىسپاتى تولۇق، زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار ئەX ئىلگىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بۇلۇپ، جازا مۇددىتى توشوپ قويوپ بېرىلگەندىن كېيىن بەش يىلنىڭ ئىچىدە يەنە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدىغان جىنايەت ئۆتكۈزگەن ،تەكرار جىنايەتچى، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن » نىڭ 65-ماددىسىنى تەدبىقلاش كېرەك. جاۋابكار تۇتۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن »نىڭ 67– ماددىسىنىڭ 3–تارمىقىنى تەدبىقلاش كېرەك. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن »نىڭ 176– ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارنىڭ قانۇن بويىچە جازالىشىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق .
ھۆرمەت بىلەن:
ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
تەپتىش : پەرىدە مەمەت
مۇۋەققەت تەپتىش: ئەخمەتجان تۇردى
2020 – يىلى 5– ئاينىڭ 19 – كۈنى
ئىلاۋە :
1. جاۋابكار ئەX ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1–قاماقخانىدا قاماقتا؛
2. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش كېپىللىك خېتى بىر پارچە؛
3. ئاددى تەرتىپ بويىچە سوت ئېچىش تەكلىپنامىسى؛
4. دىلو ماتىرىيالى 2 توپلام ،ئەيىبلەشنامە
5. دىلوغا مۇناسىۋەتلىك ماددى ئىسپات بىر دانە يانفۇن ،2دانە دېسكا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论