شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ب ت 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2020)35- نومۇرلۇق
باي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئاXXX، ئەر، ئۇيغۇر،19XX- يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:65292219XXXXXXXXXX، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى:* ناھىيە XXX بازىرى XXX كەنتX-گۇرۇپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلىشتىن ئىلگىرى ئونسۇ ناھىيە XXX بازىرى XXX كەنتX-گۇرۇپتا ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان،ئىلگىرى جازالانمىغان، ئالدامچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلنغۇچە كېپلىگە بېرىلگەن.
باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى (2020) 11-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن سوئال سوراپ، ئۆزىنى ئاقلاش پىكىرنى ئاڭلاپ، نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدى، دېلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ دېلونى ئاخىرلاشتۇردى.
تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار ئا XXX2019-يىل6-ئاينىڭ باشلىرىدا، ئۆزىنىڭ ئۇندىداردىكى ئۈندىدار توپىغا «بۇغداي دابوسى (پىرىسلانغان سامان) ساتىمەن» دەپ يالغاندىن ئۇچۇر تارقاتقان، 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى زىيانلانغۇچى ت XXX، ئوغلى يXXXدىن بىرسىنىڭ بۇغداي دابوسى ساتىدىغانلىقى توغىرىسىدىكى ئەھۋالنى بىلگەندىن كىيىن، زىيانلانغۇچى تXXX جاۋابكار ئاXXXنىڭ ئۇندىدارىنى قۇشۇپ، جاۋابكار ئاXXX بىلەن بۇغداي دابوسىنىڭ باھاسىنى دىيىشىپ، سودىدا پۈتۈشكەندىن كىيىن، جاۋابكار ئاXXXنىڭ ئالدىن زاكالەت پۇلى تاپشۇرۇش دىگەن تەلىپى بويىچە 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 5-كۈنى ۋە 2019- يىلى7- ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆزىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق ئىككى قېتىمدا جەمئى 500.00 يۈەن پۇلىنى جاۋابكار ئاXXXنىڭ ئۇنىدىدارىغا ئاغدۇرۇپ بەرگەن، بىر قانچە كۈندىن كىيىن زىيانلانغۇچى ت XXX جاۋابكار ئاXXXدىن بۇغداي دابوسىنى ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، جاۋابكار ئاXXX يۇقارقىلار ئۆز-ئارا كىلىشكەن بۇغداي دابوسىنى ئەۋەتىپ بەرمەي زىيانلانغۇچى ت XXX نى ئۈندىدارىدىن ئۆچۈرۋەتكەن ھەم زىيانلانغۇچى ت XXX دىن ئالداپ ئېلۋالغان 500.00 يۈەن پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
زىيانلانغۇچى م XXX 2019- يىلى 7- ئاينىڭ باشلىرىدا، جاۋابكار ئاXXX چىقارغان يۇقارقى ئۇچۇرىنى كۆرگەندىن كىيىن، جاۋابكار ئاXXXنىڭ ئۇندىدارىنى قۇشۇپ، جاۋابكار ئاXXX بىلەن بۇغداي دابوسىنىڭ باھاسىنى دىيىشىپ، سودىدا پۈتۈشكەندىن كىيىن، جاۋابكار ئاXXXنىڭ ئالدىن زاكالەت پۇلى تاپشۇرۇش دىگەن تەلىپى بويىچە 2019-يىلى7-ئاينىڭ7-كۈنى ۋە 2019-يىلى7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆزىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق ئىككى قېتىمدا 2000.00 يۈەندىن جەمئى 4000.00 يۈەن پۇلنى جاۋابكار ئاXXXنىڭ ئۇنىدىدارىغا ئاغدۇرۇپ بەرگەن، بىر قانچە كۈندىن كىيىن زىيانلانغۇچى م XXX جاۋابكار ئاXXXدىن بۇغداي دابوسىنى ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، جاۋابكار ئاXXX يۇقارقىلار ئۆز-ئارا كىلىشكەن بۇغداي دابوسىنى ئەۋەتىپ بەرمەي زىيانلانغۇچى م XXXنى ئۈندىدارىدىن ئۆچۈرۋەتكەن ھەم زىيانلانغۇچى مXXXتىن ئالداپ ئېلۋالغان 4000.00 يۈەن پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
دېلو پاش بولغاندىن كىيىن يۇقارقى ئىككى نەپەر زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن : يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، كۆرۈش-ئاڭلاش ماتىريالى قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىز، جاۋابكار ئاXXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق (تېلگىراف) جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راست، بىكتىشكە بولىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا بەلگلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: ئىسراپىل ئىسكەندەر
2020-يىلى4-ئاينىڭ14-كۈنى
پۈتۈكچى: مۇنىرە ئابلىكىم
ئىزاھات:
1) بىر توپلام ج خ ئارخىۋى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، بىر نۇسخا ئاددى تەرتىپىنى قوللىنىش قارارنامىسى، ئىككى دانە پىلاستىنكا بىرگە يوللاندى.
2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە(ئونسۇ ناھىيە XXX بازىرى XXX كەنتX-گۇرۇپتا ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق)، تىلفۇن نۇمىرى: XXXXXXXX157.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论