欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

麦某某涉嫌诈骗案起诉书

2021-09-21 尘埃 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ت 1-بۆلۈم ج ئە (2020) 386 –نۇمۇرلۇق

ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋاپكار مە XX ئامۇت، ئەر، ئۇيغۇر،X-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 652928، نۇپۇستىكى ئادىرىسى: شىنجاڭ ئاۋات بېشئېرىق بازىرى ئۈستۈنكى بېشئېرىق كەنت 3-گۇرۇپ 130-نۇمۇر، دېھقان، ماسسا، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلىككە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار مە XX ئامۇتنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىل 9-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى،2019-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازا بېرىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇختۇرۇپ قويۇلدى،جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ،دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ،بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋاپكار مە XX ئامۇت 2020–يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۇنى ئەتىگەن سائەت بېيجىڭ ۋاقتى 10 لەر ئەتراپىدا زىيانلانغۇچى تۇردى ياسىننى ئۆينىڭ ئالدىدا كۆرۇپ، زىيانلانغۇچى تۇردى ياسىننىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش مەقسىتىدە زىيانلانغۇچى تۇردى ياسىن بىلەن كۈرۈشۈپ ئۇنىڭغا« تۆنۇگۇن سىزنى بانكىدىن ئىزدەپ كەپتىكەن، 30 مىڭ يۇەن مۇكاپات چىقىپتۇ، بانكا خادىملىرى سىزنى تاپالماي قايتىپ كەتتى»دىگەندە، زىيانلانغۇچى تۇردى ياسىن خەۋەر تاپقان بولسا كېلىدىغانلىقىنى ئېيىتقان، شۇنىڭ بىلەن جاۋاپكار مە XX ئامۇت زىيانلانغۇچى تۇردى ياسىننى ئالداپ، ئۆزىنىڭ ياردەم قىلىپ بانكا خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يوللاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيىتقان، زىيانلانغۇچى تۇردى ياسىن ماقۇل بۇلۇپ ئۆزىنىڭ تېلفۇنىنى جاۋاپكار مە XX ئامۇتقا بەرگەن، جاۋاپكار مە XX ئامۇت زىيانلانغۇچى تۇردى ياسىننىڭ تىلفۇن كارتىسىنى چىقىرىپ ئۆزىنىڭ تىلفۇنغا سېلىپ، جىفۇباۋنى (支付宝) ئېچىپ، زىيانلانغۇچى تۇردى ياسىننىڭ نامىدا (支付宝) ھېساپ نۇمۇرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، تۇردى ياسىنغا «بانكا كارتىڭىز بىلەن كىملىكىڭىزنى ماڭا بېرىڭ، مۇكاپات چىققان 30 مىڭ يۈەن پۇلنى بانكا كارتىڭىزغا ئۇرۇپ بېرىدۇ» دەپ زىيانلانغۇچى تۇردى ياسىننىڭ بانكا كارتىسى ۋە كىملىكىنى ئېلىپ زىيانلانغۇچى تۇردى ياسىننىڭ تىلفۇن نۇمۇرىغا ئاچقان جىفۇباۋ (支付宝) نۇمۇرىغا كىرىپ، بانكا كارتىسى ۋە كىملىك قاتارلىقلارنى باغلاپ، بانكا كارتىسىدا قانچە پۇل بارلىقىنى كۆرۇش مەقسىتىدە 200 يۈەننى زىيانلانغۇچى تۇردى ياسىننىڭ جىفۇباۋ (支付宝)سىغا چىقارغان، زىيانلانغۇچى تۇردى ياسىننىڭ بانكا كارتىسىدىن 200 يۈەن پۇل چىققانلىق ئۇچۇرى جاۋاپكار مە XX ئامۇتنىڭ تىلفۇنىغا كەلگەن، جاۋاپكار مە XX ئامۇت زىيانلانغۇچى تۇردى ياسىننىڭ بانكا كارتىسىدا 86700 يۈەن پۇل بارلىقىنى كۆرگەن، جاۋاپكار مە XX ئامۇت يەنە پۇل چىقىرىش مەقسىتىدە زىيانلانغۇچى تۇردى ياسىنىڭ جىفۇ باۋ (支付宝) سىغا ئۆزىنىڭ (支付宝) سىنى دوست قىلىپ قۇشۇپ،زىيانلانغۇچى تۇردى ياسىننىڭ (支付宝)سىدىن بىرىنچى قېتىم 200 يۈەن، ئىككىنچى قېتىم 26705 يۈەن پۇلنى ئۆزىنىڭ جىفۇ باۋ (支付宝)سىغا ئېتىۋالغان، ئاندىن زىيانلانغۇچى تۇردى ياسىننىڭ جىفۇباۋ (支付宝) سىدىن بانكا كارتىسىنى باغلاقلىق ھالەتتىن بىكار قىلىپ، جىفۇ باۋ (支付宝) دىن چىكىنىپ ئۆزىنىڭ جىفۇ باۋ (支付宝) سىنى ئېچىپ، پۇلنى جىفۇ باۋ (支付宝)غا قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، زىيانلانغۇچى تۇردى ياسىنغا«مەن كەتتىم، مۇكاپات پۇلسىنى مۇشۇ بانكا كارتىڭىزغا ئۇرۇپ بېرىدىغان بولدى، بانكا خادىملىرى سىزگە تىلفۇن قىلىدۇ، نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قۇيدۇم» دەپ خوشلىشىپ كەتكەن، جاۋاپكار مە XX ئامۇت زىيانلانغۇچى تۇردى  ياسىندىن ئالداپ ئېلۋالغان 26905 يۈەن پۇلنى ئۆزى يالغۇز خەجلەپ تۈگەتكەن. زىيانلانغۇچىنىڭ زىينى تۇللۇق ئەسلىگە كەلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

1› يازما ئىسپات 2›زىيانلانغۇچنىڭ بايانى، 3›جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 4›ئېنىقلاش،تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىۋى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارتا پىكرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئېتراپ قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز،جاۋاپكار مە XX ئامۇتنىڭ ھەقىقى ئەھۋالنى يۇشۇرۇپ باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى پۇل-مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق،دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق،ئالدامچىلىق جىنايىتى بۇيىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك؛جاۋابكار قىلىمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، شۇڭا جاۋابكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك دەپ قاراپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

تەپتىش : خانئايىم يۈسەن

2020-يىل 10-ئاينىڭ 10-كۈنى

  قۇشۇمچە:

1›بىر توپلام رازۋىتكا دىلوسى،8 پارچە ئەيىبنامە، بىر پارچە ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، بىر پارچە جىنايىتى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى،بىر پارچە جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، ئۈچ دانە ئوپتىك دېسكا بىرگە يوللاندى.

2›جاۋاپكار ئائىلىدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top