欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

麦某某涉嫌敲诈勒索案

2021-09-22 尘埃 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت،ئە،1-بۈلۈم (2020) 78 –نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار مX،ئەر،ئۇيغۇر،19XX-يىلىX-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى: 65292819XXXXXXXXXX،نوپۇستىكى ئادرېسى شىنجاڭ X ناھىيە X بازار X كەنتX-گۇرۇپX-نۇمۇر،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان،ماسسا،ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان.2019-يىلى10-ئاينىڭ8-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان،ھازىر ئاۋات ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار مXنىڭ قاقتى-سوقتى قىلىش  جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىلى11-ئاينىڭ20-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان،مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، دېلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەش زۆرۈر دەپ قاراپ ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇلۇقلاپ تەھقىقلىشىگە ئىككى قېتىم قايتۇردى،ج خ ئىدارىسى دېلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەپ قايتا يوللىغاندىن كېيىن ،جاۋاپكارغا جىنايىتىنى تونۇساجازا بېرىلىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى،جاۋاپكار جىنايىتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتىگە ئۆز رازىلىقى بىلەن ئىمزا قويدى،جاۋابكار ئۆلچەنگەن جازاغا ۋەبۇدىلونى ئاددى تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى،ھازىربۇدىلونى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشتى. 

     قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2019-يىلى3-ئاينىڭ16-كۈنى X ناھىيە X بازار X كەنت 2-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق جاۋاپكارمXنىڭ ئوغلى مX كەسپ ئۆگۈنۈش مەكتىپىدىن ئۆگۈنۈشنى تۈگىتىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئايالى رX بىلەن مۇناسىۋىتى ئىلگىرىكىدەك يېقىن بولمىغان،بۇ ئارلىقتا مXنىڭ ئايالى رXنىڭ ئۆز ئاغزى بىلەن يولدۇشى مXكە «مەن سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن،بالىمىزغا ياخشى قاراڭ »دېگەندەك بىنورمال سۆزلەرنى قىلغان،مX ئايالى رXدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىغاندا، رX مXكە ئۆزىنىڭ شۇ كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق ئەX بىلەن ئاقسۇغا بارغاندا ئەXنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن بىرگە جىنسى مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى ئېيتقان،مX بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن جاۋاپكار مXقا بولۇنغان گەپلەرنى دېگەن. جاۋاپكارمX ئوغلى مXكە «مەن ئەX بىلەن پاراڭلىشىپ تەپىسلى ئەھۋالنى بىلىپ باقاي»دەپ ئەXنى ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن ئەXگە تېلېفۇن قىلىپ ئەX بىلەن ئاقسۇ قاراتالغا ماڭىدىغان يولنىڭ بويىدا كۆرۈشكەن، مX ئەXگە «بىزنىڭ ئۆيگە بارايلى ئازراق گەپ بار ئىدى،ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويغىن »دېگەن، ئەX قۇشۇلمىغان،شۇنىڭ بىلەن مX ئەXنىڭ تېلېفۇنىنى ئېلىۋېلىپ موتىسىنى مىنىپ ئۆيى تەرەپكە ماڭغان،شۇنىڭ بىلەن ئەX مXنىڭ ئارقىسىدىن مXنىڭ ئۆيىگە بارغان، ئەX مXنىڭ ئۆيىدە رXنى كۆرگەندىن كېيىن نىمە سەۋەپتىن ئىزدىگەنلىكنى بىلگەن، مX ئەXگە «ئۇكام ئىككىمىز يېقىن تۇرساق يازدىن بېرى تاماق يىيىشىپ يۈرۈشكەن تۇرساق،بۇلارنىڭ ئىككى بالىسى تۇرسا،سېنىڭ ئۈچ بالاڭ تۇرسا، سەن نېمىشقا ئۇنداق پەس ئىشنى قىلدىڭ،بالامنى ئۆلەشكە 50مىڭ يۈەن كەتكەن، بىز كەنت كومتىتىغا چىقىمىزمۇ ياكى ساقچىغا بارىمىزمۇ، داداڭ كېلەمدۇ،ئايالىڭ كېلەمدۇ؟ »دەپ بىر قانچىنى ئۇرغان، ئەX ئايالىم ئۇقمىغان بولسا ،داداممۇ ئۇقمىغان بولسا مۇشۇ يەردە تۈگەشكەن بولساق دېگەن، جاۋاپكارمX ئايالى ھX ئارقىلىق ئەXنىڭ ئاچىسىنىڭ نۇمۇرىنى تاپقاندىن كېيىن ئەXنىڭ ئاچىسى ئاXگە تېلېفۇن قىلىپ ئەXنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە تىزدىن چىقىشنى ئېيتقان، بىر ئازدىن كېيىن ئەمەتنىياز ھېكىمنىڭ دادىسى ھېكىم سامساق بىلەن ئانارخان ھېكىم مXنىڭ ئۆيىگە چىققان،جاۋاپكارمX ھېكىم سامساققا ئەمەتنىياز ھېكىم بىلەن رىزۋانگۈل ئىمىننىيازنىڭ ئوتتۇرسىدا بولۇنغان ئ ىشنى ئېيتقان،شۇنىڭ بىلەن ھX مXقا ئامال قىلىپ يەڭ ئىچىدە تۈگەتكەن بولساق دەپ يېلىنغان،جاۋاپكار مX ئوغلۇڭ ئەXگە ئالدىمغا 50مىڭ يۈەن پۇل قوي ، بالامنى ئاجراشتۇرۇپ قايتا ئۆلەيمەن دېسەم  پۇل يوق دېدى، سېنىڭچە قانداق تۈگىتىمىز دېگەن،ھX بىزدە ئۇنچە كۆپ پۇل يوق،بولسا مۇۋاپىق دېسىڭىز مۇشۇ يەردە تۈگەشسەك دېگەن، مX ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 20مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ، 20مىڭ يۈەن بەرسەڭلار مۇشۇ يەردە تۈگىسۇن بولمىسا كەنت كومتىتىغا ياكى رايۇن ساقچىسىغا بېرىپ ھەل قىلىمىز دەپ تەھدىت سالغان،ئارقىدىن ئەXگە ماشىنىنى مۇشۇ ئۆيگە توختۇتۇپ قويغىن،20مىڭ يۈەن پۇل تېپىپ ماشىنىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكىن، دەپ ماشىنىنىڭ ئاچقۇچى بىلەن ئەXنىڭ تېلېفۇنىنى قۇشۇپ ئېلىپ قالغان، 2019-يىلى3-ئاينىڭ21-كۈنى چۈشىتن كېيىن سائەت 7:00لەر بىلەن مXنىڭ ئۆيىگە ھX،ئاX،ئەX قاتارلىقلار كېلىپ 16500يۈەننى مXقا بەرگەن ،جاۋاپكارمX ئەXنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئاچقۇچى بىلەن تېلېفۇنىنى ئەXگە قايتۇرۇپ بەرگەن. ئەX يەڭگىل زەخمىلەنگەن.زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنى ئەسلىگە كەلگەن. 

     يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:

1،يازما ئسىپات 2،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى 3،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى 3،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 4،باھالاش پىكرى 5،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى،خەرىتىسى،فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ،جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز،جاۋاپكار مXنىڭ شەخىسلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى پۇل- مېلىنى قاقتى-سوقتى قىلىپ ئېلىۋالغان قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 274-ماددا 1-تۈر بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق،دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق،قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك، جاۋاپكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ،جىنايتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بولىدۇ، جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاپ جازا بېرىش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن :

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: خانئايىم يۈسەن

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى

   قۇشۇمچە:

 1. 8پارچە ئەيىبنامە بىلەن بىر توپلام رازۋېتكا دىلو ماتىريالى،تۆت تال سوراق پىلاستىنكىسى بىرگە يوللاندى.

 2. جاۋابكار ھازىر ئاۋات ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق . 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top