شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بايىنغولىن ئاپتونۇم ئوبلاستى
لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپلەشنامىسى
ل ت ج ئەيىپلەش1-بۆلۈم (2019) 135- نومۇرلۇق
جاۋاپكار مە**،ئەر،ئۇيغۇر،1978-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ****** 6528231978، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، كەسپىي:رىمۇنتچى، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادرىسى ۋەھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: لوپنۇر ناھىيە**-ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-ئىشىك **-ئۆي،2019-يىلى 3-ئاينىڭ1-كۈنى ، لوپنۇر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك يول يۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۇچۇن ، جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلۇپ ، شۇ ئاينىڭ 8-كۈنى تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن،ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان ، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
لوپنۇر ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى جاۋاپكارمە**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2019- يىلى**– ئاينىڭ**- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ھەم ، دېجورنى ئادوۋكاتنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۈتۈن دېلو تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلدى . جاۋابكار مە** مەزكۇر دېلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە:
جاۋاپكارمە **2019-يىلى**-ئاينىڭ**-كۇنى،ھاراق ئىچىپ **M新 نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتومىبىلنى ھەيدەپ ، لوپنۇر ناھىيە ** بازىرى** كەنتىدىن لوپنۇر ناھىيە ** يولى ** سودا-سارىينىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كىرگەندە،لوپنۇرناھىيلىك جامائەت خەۋپسزلىك ئىدارىسى** خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتى ساقچىلىرى تەرپىدىن بايقىلىپ ،قاتناش ساقچىلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىيلىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2019]909–نۇمۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە مە**نىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەريۈزمىللىلېتىر قان تەركىبىدە 314مىللىگىرام ئىسپىرت بارلىقىنى باھالاپ بېكىتكەن .
يوقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە : يازما ئىسپات ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش يەكۈنى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار .
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە :جاۋابكارمە**نىڭ قاتناش – تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق ، دەلىل ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك .
مەزكۇر دېلۇنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15 – ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ . شۇڭا جاۋابكار مە**غا6 ئايدىن تۆۋەن5 ئايدىن يۇقۇرى ، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ، قوشۇمچە12000 يۈەن شىتىراپ قويۇش جازاسى بېرىپ ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش :تۇرسۇن راخمان
2019- يىلى12- ئاينىڭ19- كۈنى
ئىزاھات : (1) دېلو ئارخىبى بىر توپلام. (2) « خاتالىقنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى » نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论