欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

马某某危险驾驶案

2021-09-21 尘埃 评论0

توقسۇن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

               توقسۇن 1-تەپتىش ب ئە چ2020﹞ -نومۇرلۇق

توقسۇن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

جاۋابكارما**، ئەر، ئۇيغۇر، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: X251********652123، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،ئامما، دېھقان، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئادرىسى ۋە ھازىرقى ئولتۇراق ئادىرىسى:: شىنجاڭ توقسۇن ناھىيە ** بازار ** كەنت *-گۇرۇپپا ***-نۇمۇرلۇق قورو، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 03-ئاينىڭ 24-كۈنى توقسۇن ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن . 

توقسۇن ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىگى ئىدارىسى جاۋابكارما**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 07-ئاينىڭ 09-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە  دىجورنى ئادۋوكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈردۇق. جاۋابكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە قاراپ چىقىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەنكىدىكى پاكىتلار ئىنىقلاندى: 

 2020-يىلى 01-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 02:45 لار ئەتراپىدا، جاۋابكارما** مەست ھالەتتە C1 تىپلىق پىراۋىسى بىلەن*****新K نۇمۇرلۇق يېنىك تىپتىكى يۈك ماشىنىسىنى ھەيدەپ، توقسۇن ناھىيە ** يولى بىلەن ** يولى كېسىشكەن يول ئېغىزىدىكى قىزىل چىراققا كەلگەندە ، شۇجايدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى ما**گە قارىتا ھاراق ئىچكەنلىكىنى پۈۋلىتىپ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىدە پۈۋلىتىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، جاۋابكارما**نىڭ ھاراق ئىچكەنلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە مۇقىملاشتۇرغان، ھەمدە دەرھال توقسۇن ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ، قان ئەۋرىشكىسى ئېلىپ قالدۇرغان.

شىنجاڭ جوڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2020] ***- نۇمۇرلۇق ئەدلىيىلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە :ما**نىڭ ھەر 100 مىللىتىر قېنى تەركىبىدە 285 مىللىيگرام ئالكوگىل مىقتارى بايقالدى دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.

جاۋابكارما** پىراۋىلىق ھالدا ماشىنا ھەيدىگەن، ھادىسە سادىر قىلمىغان، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، جىنايىتىنى تونۇپ ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن :  يازما ئىسپاتلار، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، قاندىكى ئىسپرت مىقتارىنى باھالاش پىكىرنامىسى، نەق مەيداندا تارتىلغان سۈرەتلەر قاتارلىقلار بار . 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمونى ئوبىكتىپ ھەقىقىي بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بېكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارما**نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ. 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋاپكارما**نىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدا ھەيدەپ ماڭغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-مەزمونىنىڭ 1-تارماقتىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، دىلونىڭ جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راست، جاۋابكارما**نى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك . جاۋابكارما** جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، شۇڭا جاۋابكارما**غا 3 ئاي 15 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش، قوشۇمچە 7000 يۈەن شىتراف قويۇشنى تەكلىپ بېرىمىز. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددا، 214-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

                   تەپتىش : رىزۋانگۈل ئابلىمىت

                 2020- يىلى 07- ئاينىڭ 25- كۈنى

قوشۇمچە :

1. جاۋابكارما** ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە؛

2. بۇ دېلو تەھقىقلەش توپلىمى 1 توپلام، تەپتىش توپلام 1 توپلام، جەمئى 2 توپلام ؛

3. ئەيىپنامە ئۇيغۇرچە 10 نۇسخا، خەنزۇچە 10 نۇسخا دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى؛

4. «جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى»، «جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى» 1نۇسخا دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى؛

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top