欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

雪某某危险驾驶案起诉书

2021-09-22 尘埃 评论0

كەلپىن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                    ك،ت،1-بۆلۈم ج،ئە(2020)23-نۇمۇرلۇق

 جاۋابكار****،ئەر،ئۇيغۇر،-1988يىلى-02ئاينىڭ-23كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: 65292919880223****،ئادىرىسى:كەلپىن ناھىيە كەلپىن **** -2گورۇپپا-48 نۇمۇرلۇق ئۆي،ئىشسىز،ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن -2020يىلى -3ئاينىڭ -29كۈنى كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.ھازىر ئائىلىسىدە. 

 كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ****نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى4-ئاينىڭ24-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالا قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلىدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە:جاۋابكار **** -2020يىلى03-ئاينىڭ-19كۈنى سائەت 23 لەردە،دوستى**** بىلەن ھاراق ئىچىپ، مەسىت ھالەتتە پىراۋىسىز ****نامىدىكى 新N7P**** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپلىق ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ،ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى ئالدىدىن قارىكۈت كەنتىگە قاراپ يول يۈرۈپ،ئەتىسى سەھەر سائەت  01 دىن 15 مىنۇتلار ئۆتكەندە سۇبېشى يولى ئاشلىق ماي پونكىتى ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە،شۇ جايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بايقالغان.دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ باھالاشقا ھاۋالە قىلغاندا،ھەر 100مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇغىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 163.41مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

 يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:

1.يازما ئىسپات 2.جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 3.باھالاشنامە 4.جىنايى ئىشلار فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.

     يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنى ئېلىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى ئىسپاتلايدۇ.جاۋابكار****نىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز، جاۋابكار ****نىڭ پىراۋىسىز،مەست ھالەتتەئاپتوموبىل ھەيدىگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق،دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق ۋە راست،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.جاۋابكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىدىكى شەرتنى ھازىرلىغان.جاۋابكارغا 3 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 6 مىڭ يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش كېرەك دەپ قاراپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بۇيىچە ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

        كەلپىن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

 تەپتىش:ھاۋاگۇل ھەسەن

2020-يىلى04-ئاينىڭ28-كۈنى

  قۇشۇمچە: 1. 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن 1 توپلام رازۋېتكا دىلوسى بىرگە يوللاندى 2.جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top